- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئولىمپىك تەربىيەسى مەملىكەتلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلىدۇ
2018.03.01 16:36 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ چىققان «بېيجىڭ 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئولىمپىك تەربىيەسى پىلانى»دا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئولىمپىك تەربىيەسىنى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي پائالىيەت دەرسى ۋە تەنتەربىيە دەرسى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئولىمپىك باش تېما قىلىنغان تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 2020- يىلىغا بارغاندا، مەملىكەتلىك ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە مەكتەپلەرنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى تۈرى بويىچە ئۆزگىچە بولغان مەكتەپلەرنى 2000غا يەتكۈزۈش، 2025- يىلىغا بارغاندا 5000غا يەتكۈزۈش پىلانلاندى.
مەكتەپلەرگە ماسلىشىپ، قىشلىق ئولىمپىك تەربىيەسىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى «بېيجىڭ 2022-يىل ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكەت تۈرىنىڭ ئوقۇتۇش قوللانمىسى»، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «قىشلىق ئولىمپىك بىلىملىرى ئوقۇشلۇقى»، قىشلىق تەنتەربىيە بىلىملىرى ئاسما خەرىتىسى، بېيجىڭ 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقە تۈرلىرى چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى ۋە يۈرۈشلۈك دىسكا قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ تەھرىرلەپ نەشرى قىلدۇرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر