باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

ئارمىيە-خەلق چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنى كۈچلۈك تۈرتكە ۋە ئىستراتېگىيەلىك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك

2018.03.13 16:34   مەنبە: خەلق تورى

ئارمىيە-خەلق چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنى كۈچلۈك تۈرتكە ۋە ئىستراتېگىيەلىك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12-مارت چۈشتىن بۇرۇن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى بەرپا قىلىشتىكى مۇقەررەر تاللاش، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر تاللاش، شۇڭا ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئارمىيە بىلەن يەرلىك ھەمكارلىشىش، ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيە-خەلق چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنى كۈچلۈك تۈرتكە ۋە ئىستراتېگىيەلىك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ يىغىن مەيدانىغا كىرگەندە، پۈتكۈل مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ۋە مۇنداق دېدى: ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، سىلەر بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشكىنىمدىن ئىنتايىن خۇش بولدۇم.

  يىغىندا لى خوخۇي، گو پۇشياۋ، جاڭ شۆيۈ، ۋاڭ خۇيچىڭ، ياڭچۇ گېشى، لى ۋېي، جۇ چېڭ، ۋاڭ نىڭ قاتارلىق سەككىز ۋەكىل ئارمىيە-خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىي جەڭ مەشىقىنى كۈچەيتىش، ئالەم قاتنىشى ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، سىياسەت-تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قوراللىق ساقچى قىسىم ئىسلاھاتىنى ياخشى قىلىش، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى باشقۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. شى جىنپىڭ ۋەكىللەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى، ۋەكىللەر بەس-بەستە سۆز قىلىپ، كەيپىيات قىزغىن بولدى.

  ۋەكىللەر سۆز قىلىپ بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن ئارمىيە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر كۆرسەتمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، ھەربىي تەلىم ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىدا يېڭى قەدەم تاشلاپ، يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەت مۇداپىئەسى پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، ئىلغار پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپەت، ئۈنۈم تىپى ۋە پەن-تېخنىكا كۆجۈملەشكەن تىپقا ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۇنيادىكى ھەربىي پەن-تېخنىكا ۋە قورال-ياراغلارنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئارمىيە-خەلق پەن-تېخنىكىدا ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، زور پەن-تېخنىكا تۈرلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ دەلىللەش ۋە يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەش كېرەك. ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىش قارىشىنى كۈچەيتىپ، بېكىنمىچىلىك، مونوپوللۇقنى قەتئىي بۇزۇپ تاشلاپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى ياخشى تەقسىملەشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى پەن-تېخنىكىسىدا بەسلىشىپ، رىقابەتلىشىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ سېلىنمىسىنى داۋاملىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك
    ·مائارىپ قىزلارنىڭ تەقدىرىنى نۇرلاندۇرىدۇ___ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى جىكې شىۋۇنىڭ نەزىرىدىكى ئاز سا…
    ·تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت ئالاھىدىلىكى سىنىقى باشلاندى
    ·ئالىي مائارىپنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ: مەكتەپنى ئەڭ نۇرلۇق ۋە ئەڭ بىخەتەر جاي قىلىپ قۇرۇپ چى…
    ·ئولىمپىك تەربىيەسى مەملىكەتلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلىدۇ
    ·ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2020-يىلىدىن بۇرۇن تۈرلۈك ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئەمەلدىن…
    ·ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى