خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- مارت چۈشتىن كېيىن، خەلق تورى مۇخبىرلىرى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، سانجى ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قۇتۇبى ناھىيەلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، قۇتۇبى ناھىيەسى يۈەنخۇسۈن بازىرى ئون ئۈچ تۈتۈن كەنتى مەسچىتىنىڭ ئاخۇنى ياڭ جيېنى زىيارەت قىلدى.
ياڭ جيې ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، ھازىرقى شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت مۇقىم ۋە دىنلار ئىناق بولماقتا، دېدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىن كەلگەن دىنىي زاتلار ۋەكىلى ئىكەنلىكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق ياراتقانلىقى، يەنە نۇرغۇن قائىدە-تۈزۈملەرنى تۈزۈپ چىققانلىقى، ھۆكۈمەت مەبلەغ چىقىرىپ مەسچىت ئىچىدىكى نۇرغۇن ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەپ بەرگەنلىكى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دىنىي تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكى، مەسچىتلەرنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ ۋە ئۆستۈرۈپ بەرگەنلىكى، ھازىرقى شىنجاڭدىكى مەسچىتلەرنىڭ دىنىي مەدەنىيەت كەيپىياتى، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت سايىسى، ئىلغار مەدەنىيەت كەيپىياتى ۋە زامانىۋى مەدەنىيەت كەيپىياتى دېگەندەك كەيپىياتلارغا تېخىمۇ تولغانلىقى قاتارلىقلارنى دېدى.
ئۇ يەنە داۋاملىق ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يىغىنغا تەكلىپ تاپشۇرۇش بولسا، بۇ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشى ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشىدىكى ئاساسلىق ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ، دېدى. ئۇ دۆلەت ئوتتۇرىغا قويغان ئاپتوموبىلنى ئىجارىگە بېرىش كەسپىدىكى ئىجازەت ئۆلچىمى ۋە شۇ كەسىپ تىجارەتچىلىرىنىڭ قانۇن جاۋابكارلىقىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مەسىلىگە قارىتا بۇ يىل بىر تەكلىپنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە شىنجاڭدا تېخى ھېچقانداق قانۇن-نىزاملار ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىق سەۋەبىدىن، باشقۇرۇشنىڭ تەس بولغانلىقى، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا يولغا قويۇلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يول تىرانسپورت نىزامى»دا پەقەت ئاپتوموبىلنى ئىجارىگە قويغاندا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەكلىكىنىلا ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرغان، بىراق ئاپتوموبىلنى ئىجارىگە بېرىش ساھەلىرىنىڭ ئىجازەت ئۆلچىمى ۋە تىجارەتچىلەر ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك بولغان قانۇن جاۋابكارلىقىنىڭ تېخى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەنلىكىنى ئېيتتى. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، پۇقرالارنىڭ ئىستېمال ئۇسۇلى خىلمۇ خىل بولماقتا ھەمدە ئاپتوموبىللارنى ئىجارىگە بېرىش ساھەسىمۇ تىرانسپورت كەسپىنىڭ ئاساسلىق تەركىبىي قىسىمى بولۇپ قالدى. ئۇنداقتا، ياڭ جيې بۇ ساھەنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتى ۋە پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى قوغداشتا، دۆلەتنىڭ ئاپتوموبىلنى ئىجارىگە بېرىش ساھەسى ئىجازەت ئۆلچىمى ۋە تىجارەتچىلەرنى قېلىپلاشتۇرىدىغان قانۇن نىزام ھۆججەتلىرىنى يولغا قويۇشى ئىنتايىن زۆرۈر، دەپ قارىدى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا بۇ بىر قانچە يىلدىن بېرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىشىغا ھەر جەھەتتىن نۇرغۇن خىزمەتلەر ئىشلەندى، مەسىلەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش پائالىيىتى، تۇغقانلىشىش پائالىيىتى ۋە تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى دېگەندەك پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلدى. يېقىندىن بۇيان قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان بۇ خىل پائالىيەتلەر، يەنى ئۆيلەردە قونۇپ زىيارەت قىلىشتەك چوڭ تىپتىكى بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ دائىرىسى پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بۆلۈم دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بارلىق كادىرلارنىڭ ھەممىسىنى قاپلىدى.بۇنىڭدا، كادىرلارنىڭ ھەممىسى دېھقانلار ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىر كۈندىن تۇرىدۇ. بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.بۇ خىل پائالىيەتتە ياڭ جيې ئۆزىمۇ ئىككى ئائىلە بىلەن تۇغقانلاشقانلىقىنى، ئۇ ئىككى ئائىلىدىكى كىشىنىڭ بىرىنىڭ خەنزۇ پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، يەنە بىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ياڭ جيې يەنە، تۇغقانلىشىش پائالىيەتلىرى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ھېسسىياتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈردى، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى