باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

2018.03.12 17:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى 11-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 3-ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، يىغىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى» ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2980 بولۇپ، 2964 كىشى قاتناشتى، 16 كىشى قاتنىشالمىدى، يىغىنغا قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.

  قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىي رەئىسى ۋاڭ چېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن بىلەن، ئالدى بىلەن 35 ۋەكىلدىن تەركىب تاپقان باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى، ۋاڭ شاۋفېڭ، ياڭ يەن باش بېلەت نازارەتچىسى بولدى.

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ تەكلىپلەرنى ئاۋازغا قويۇش چارىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىنىڭ لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ، يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، ئومۇمىي ۋەكىلنىڭ 3/2سىدىن كۆپرەكىنىڭ قوشۇلۇپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن ماقۇللاندى. بېلەت تارقىتىش، بېلەت تولدۇرۇش، بېلەت تاشلاش، بېلەت ھېسابلاش تەخمىنەن 40 مىنۇت داۋاملاشقاندىن كېيىن، خىزمەتچى خادىملار بىلەت تاشلاش نەتىجىسىنى جاكارلىدى: قوشۇلغان ئاۋاز 2958، قارشى ئاۋاز 2، ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن ئاۋاز 3.

  ۋاڭ چېن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى»نىڭ ماقۇللانغانلىقىنى جاكارلىدى. يىغىن مەيدانىدا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى 11-مارت ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىنىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، جاڭ دېجياڭ قۇرۇلتايغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىل پارتىيە ۋە دۆلەت تەرەققىياتى مۇساپىسىدىكى قالتىس بەش يىل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە 18-، 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نوپۇزى ۋە يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار يۈكلىگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشتا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا زور قەدەم تاشلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر