باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىتتىپاق يېڭى كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنى «دۆلىتىم قالتىس» فىلىمىنى بىللە كۆرۈشكە ئۇيۇشتۇردى

2018.03.13 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تودۇنخابا رايونى) ئىتتىپاق يېڭى كەنتى 30 نەچچە پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسىنى چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك فىلىم «دۆلىتىم قالتىس!»نى بىللە كۆرۈشكە تەشكىللەپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتايدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يۈز بەرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئىسلاھات ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق نەتىجىلەرنى ھېس قىلدۇردى.

  كىنودا پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەر كۆپ بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ ئۆيمۈئۆي كىرىپ ئاممىنى يوقلىغانلىقى تاماشىبىنلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئىتتىپاق يېڭى كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى شۈيپىڭ مەھەللە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 13 يىل بولغان. ئۇ پەخىرلىنىپ مۇنداق دېدى: «دۆلەت قۇدرەت تاپتى، مەنمۇ خىزمەت قىلغاندا تېخىمۇ غەيرەت بىلەن ئىشلىيەلەيدىغان بولدۇم، مەھەللە خىزمىتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئامما ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىش، مەن تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنى رازى قىلىمەن!»

  70 ياشقا كىرگەن پارتىيە ئەزاسى سۈن جيەنماۋ مۇنداق دېدى: «11 ياش ۋاقتىمدا مەن دادامغا ئەگىشىپ يۇرتۇم خېنەندىن شىنجاڭغا كەلگەن، بۇ يىللاردا شىنجاڭنىڭ ئۆزگىرىشى بەك چوڭ بولدى. فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن، پارتىيەنىڭ ھەر مىللەت ئاممىسىنى باشلاپ يېڭى دەۋرگە، يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويغانلىقىغا تېخىمۇ ھۆرمىتىم ئاشتى، دۆلىتىم قالتىس!»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر