- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەزا خۇاڭ يۈگۇاڭ: ئانىلارنىڭ ئازراق ئازاب چېكىشىگە ياردەم قىلايلى
2018.03.13 15:24 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈنكى كۈندە، دۆلىتىمىزدە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ تۇغۇش مىقدارى زور بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇغۇتتىكى ئاغرىق ئازابىنى ئۈنۈملۈك ھالدا پەسەيتىش، ئۇلارنىڭ كۈچلۈك ئېھتىياجى بولۇپ قالدى. 2017- يىلى، مەلۇم بىر جايدىكى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئاغرىققا چىدىماي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى ھەققىدىكى بۇ خەۋەر، بىر تەرەپتىن ئاممىنىڭ قانداق قىلغاندا تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغانلىق توغرىسىدىكى مۇزاكىرىسىنى قوزغىدى، يەنە بىر تەرەپتىن جەمئىيەتنىڭ راھەت ۋە ئىنسانىي داۋالاش مۇلازىمىتىگە بولغان ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى.
تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، تۇغۇش جەريانى نورمال بولغان ئاياللارنىڭ ئىچىدىكى %50تىن ئارتۇق تۇغۇتلـۇق ئاياللار ئېغىر دەرىجىدىكى ئاغرىش جەريانىنى بېشىدىن كەچۈرىدىكەن. بۇمۇ ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن 2- پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىمايدىغان بولۇپ قېلىش سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، نۇرغۇن تۇغۇتلۇق ئاياللار بالىياتقۇنى يارغۇزۇپ تۇغۇشنى تاللاشقا مەجبۇر بولغان. نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە ئاياللاردا بالىياتقۇنى يارغۇزۇپ تۇغۇشنىڭ نىسبىتى %40تىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىسبەتتىن، يەنى %15لىك نىسبەتتىكى ئاياللارنىڭ بالىياتقۇنى يارغۇزۇپ تۇغۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئېھتىيات سىزىقىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ، تۇغۇتنىڭ ئالدى-كەينىدىكى مەزگىلدىكى ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى ۋە ئىككىنچى قېتىم ھامىلىدار بولغاندا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ-خەتەرنىڭ نىسبىتىنى مەلۇم دەرىجىدە ئاشۇرىۋېتىدىكەن.
ئەمەلىيەتتە، تۇغۇت ئاغرىقىنى توختىتىش تېخنىكىسى پىشىپ يېتىلدى، لېكىن ئاممىنىڭ تونۇش دەرىجىسى تۆۋەن ۋە ناركوز قىلغۇچى كەسپىي خادىملىرىنىڭ كەمچىل بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، تۇغۇت ئاغرىقىنى توختىتىشنىڭ ئومۇمىي نىسبىتى مەملىكەت بويىچە %10كە يەتمەيدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزدە ھەر ئون مىڭ نوپۇس ئىچىدە پەقەت بىر نەپەرلا ناركوز دوختۇرى بار (يەنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بۇنداق دوختۇردىن جەمئىي ئاران 76 مىڭى بار) بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت مىقدارى كۆپ ۋە كىرىمى تۆۋەن. بۇ سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى دوختۇرخانىلاردا تۇغۇت ئاغرىقىنى توختىتىش تېخنىكىسىنى قوللىنىشنى ئومۇملاشتۇرۇشقا پايدىسىز بولۇپلا قالماستىن، يەنە تېخى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈملىرىدىكى ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشقىمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
"تۇغۇت" دېگەنلىك "ئازاب چېكىش" دېگەنلىك ئەمەس، گەپ داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشتە. بۇنىڭ ئۈچۈن، ناركوز ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ھەمدە مەنبەدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇشمۇ تەلەپ قىلىنىدۇ. يەنى، بىر تەرەپتىن ناركوز بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ۋە تولۇق كۇرسلاردا ناركولوگىيە بىلىملىرىنى مۇستەقىل دەرس سۈپىتىدە تەسىس قىلىپ ئۆگىتىشكە، مېدىتسىنا كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناركوز بۆلۈمىدە پىراكتىكا قىلىش ۋاقتىنى كۆپەيتىشكە توغرا كېلىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ خىل كەسىپنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇپ، ناركوز كەسپىي خادىملىرىنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە، تۇغۇت ئاغرىقىنى توختىتىشقا ئېلىنىدىغان ھەقنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنى دۆلەتنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈش تەكلىپىمۇ بېرىلدى. كۆپ خىل تەدبىر قوللانغاندا، ئاندىن ناركوز قىلىش ئىشلىرىنىڭ قىسقا تاختىسىنى تېزدىن تولۇقلاپ، "تۇغۇتتا چوقۇم ئاغرىيدۇ" دېيىشتەك ئەندىشىنى ئۈنۈملۈك تۈگەتكىلى بولىدۇ.
(ئاپتورى بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسى ناركوز بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر