باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈچ مىنىستىرلىق: تۇغۇت سۇغۇرتا تۈزۈمىنىڭ مۇقىم ۋە ساغلام يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2018.03.13 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ باشلامچىلىقىدا، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە بېسىپ تارقىتىلغان «تۇغۇت سۇغۇرتىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر»دە، ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا ماسلىشىش نۇقتىسىدىن، نۆۋەتتە تۇغۇت سۇغۇرتىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭدا، ئىشچىلار ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ ھەقىقىي قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، ھەمدە تۇغۇت سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنىڭ مۇقىم ۋە ساغلام يۈرۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دېيىلدى.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ پىكىردە تۆۋەندىكى تۆت جەھەتتىكى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان:

  بىرىنچىدىن، ھەرقايسى جايلار تۇغۇت سۇغۇرتىسى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشتا مۇھىم كاپالەت تەدبىرى بولۇش كېرەكلىكىنى تولۇق تونۇش، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنى سۇغۇرتىغا قاتنىشىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت داۋالىنىش خىراجىتى ۋە تۇغۇت ياردەم پۇلىنى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا ۋە تولۇق بېرىش، تۇغۇت سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ كىرىم-چىقىمى تەڭ بولۇش ھەمدە تۈزۈمىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە تەھلىل قىلىش يۈرگۈزۈشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى باشقۇرۇش تەلىپىدىن پايدىلىنىپ، فوندى خېيىم-خەتەردىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، تۇغۇت ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، «ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك مۇھاپىزىتى ئالاھىدە بەلگىلىمىسى»دىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش مۇددىتى ئىچىدىكى تۇغۇت قوشۇمچە پۇلى چىقىمىغا كاپالەت قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، تۇغۇت سۇغۇرتىسىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تۇغۇت داۋالاش مۇلازىمىتى باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، تۇغۇت داۋالىنىش خىراجىتىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، تۇغۇت داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھالدا نازارەت قىلىش سىستېمىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خىراجىتىنىڭ نامۇۋاپىق ئۆسۈشىنى كونترول قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر