باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەيلى (شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ___ يېڭى دەۋر، يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە)

____ شى جىنپىڭنىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىدە قىلغان مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

2018.03.14 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىللىق باھار كىرىشى بىلەن ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش بۇرغىسى چېلىندى.

  «ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى بەرپا قىلىشتىكى مۇقەررەر تاللاش، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىشتىكى مۇقەررەر تاللاش، شۇڭا ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئارمىيە بىلەن يەرلىك ھەمكارلىشىش، ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيە-خەلق چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنى كۈچلۈك تۈرتكە ۋە ئىستراتېگىيەلىك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 12-مارت 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدا تېزدىن قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. رەھبىرىي ئورگانلاردىن ئاساسىي قاتلام قىسىملىرىغىچە، تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن چېگرا مۇداپىئە 1-سېپىگىچە ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر تېلېۋىزور، گېزىت، تور، رادىيو قاتارلىقلار ئارقىلىق دەرھال مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، قىزغىن مۇزاكىرە قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېخىمۇ كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈشكە بەل باغلاپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانى، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغ پىلانىغا قاراپ مەردانە قەدەم تاشلاپ ئىلگىرىلىدى.

  پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە-خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىش

  «دۆلەت مۇداپىئەسى پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، ئىلغار پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپەت، ئۈنۈم تىپى ۋە پەن-تېخنىكا كۆجۈملەشكەن تىپقا ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسى يېڭى دەۋردىكى دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىغا يېڭى تۈرتكە قوشتى.

  بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالىتى قىسمىدىكى ۋەكىل لى يۇڭ مۇنداق دېدى: ئارقا سەپ كۈچىدىن ئارمىيە-خەلق خېلى دەرىجىدە ئورتاق پايدىلىنالايدۇ، شۇڭا بىز ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە. كېيىنكى قەدەمدە، بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالىتى قىسمى ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ھالدا دۆلەت «ئەشيا تورى»، يەرلىكنىڭ «چوڭ سانلىق مەلۇمات» ئامبىرى قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، تولۇق زەنجىرسىمان يوللۇق، كۆلەملەشكەن ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى، ھەربىي كۈچ بىلەن يەتكۈزۈش، قوغداش ۋەزىپىسى كاپالىتى قاتارلىق سىستېمىلىق قۇرۇلۇشلارنى بەرپا قىلىپ، يېڭى سۈپەت كاپالىتى ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر