باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ باڭلادىش زۇڭتۇڭى خەمىد، نېپال زۇڭتۇڭى باندارىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى كېچياڭ باڭلادىش زۇڭلىسى، نېپال زۇڭلىسىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2018.03.14 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 13-مارت ئايرىم-ئايرىم ھالدا باڭلادىش زۇڭتۇڭى خەمىد، نېپال زۇڭتۇڭى باندارىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، باڭلادىش يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ نېپالدا ھادىسىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھادىسىگە ئۇچراپ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ باڭلادىش زۇڭلىسى خاسىنا، نېپال زۇڭلىسى ئورلىيغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر