باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق رازى بولىدىغان مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرايلى

خەلقنى رازى قىلىش مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەتنىڭ ماھىيىتى، ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ ئاخىرقى نىشانى.

2018.03.14 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  13-مارت چۈشتىن بۇرۇن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىنىڭ ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. بۇ لايىھەدە گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى تارماقلار ۋە باشقا ئاپپاراتلار زور دەرىجىدە تەڭشىلىپ، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاپپاراتتىن سەككىزى ۋە مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك ئاپپاراتتىن يەتتىسى قىسقارتىلىپ، ئاپپارات تەسىس قىلىش ۋە فۇنكسىيە تەقسىملەش ئەلالاشتۇرۇلۇپ، مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇ ئىسلاھات يېڭى دەۋردىكى ئېلىمىز جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي زىددىيەت ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، تەرەققىيات تەلىپى، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەقەززاسى، ئەل رايىنىڭ ئارزۇسىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇپ، خەلققە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، خەلقنى تېخىمۇ رازى قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

  تارىختىن قارىغاندا، ئىقتىسادنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشى، جەمئىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۈستقۇرۇلما چوقۇم يېڭى تەلەپلەرگە ماسلاشقان ھالدا ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەك. بۇ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئومۇمىي قانۇنىيەت. بۇ قانۇنىيەتكە ماسلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى يېڭى ۋەزىپىلەر ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى تەلەپلەرگە ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. ئىلگىرىكى ئاپپارات ئىسلاھاتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىملىق ئىسلاھات سالمىقىنىڭ زورلۇقى، تەسىرىنىڭ كۈچلۈكلىكى، چېتىلىدىغان مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى جەھەتتە ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ، بۇنى بىر مەيدان سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك، قايتا قۇرۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتىكى قەتئىي ئىشەنچىسىنى، پارتىيەمىزنىڭ ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان ھەل قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما تېخى ھەل قىلىنمىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. گوۋۇيۈەننىڭ بۇ قېتىملىق ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى دەل «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى»گە ئاساسەن تۈزۈلگەن يۇقىرى قاتلام لايىھەسى بولۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر