باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شېن چاڭيۈ پاتېنت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، جازا خاراكتېرلىك تۆلەم تەدبىرى كىرگۈزۈلىدۇ، دېدى

2018.03.14 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شېن چاڭيۈ 13- مارت خەلق سارىيىدىكى «مىنىستىرلار كارېدورى»دا، پاتېنت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جازا خاراكتېرلىك تۆلەم تەدبىرلىرى كىرگۈزۈلۈپ، ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشلىرىنى جازالاش سالمىقىنىڭ ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شېن چاڭيۈ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن بەش يىلدا، پاتېنت مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش دېلوسىنى بېجىرىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئۆزىلا 190 مىڭ پارچىگە يەتكەن بولۇپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %40 ئاشتى. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ ئىجتىمائىي رازىلىق دەرىجىسى 2012-يىلىدىكى 63 نومۇردىن 2017-يىلىدىكى 76 نومۇرغا ئۆستى.

  شېن چاڭيۈ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە قاتتىق بولغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، پاتېنت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، جازا خاراكتېرلىك تۆلەم تەدبىرىنى كىرگۈزۈپ، تۈرلۈك ھوقۇققا چېقىلغان قانۇنسىز قىلمىشلارنى جازالاش سالمىقىنى زورايتىپ، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىلارغا ئېغىر بەدەل تۆلىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمەت ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش، ئەدلىيەلىك قوغداش، كېسىم، مۇرەسسە قاتارلىق كۆپ خىل يوللارنى ئۇنىۋېرسال ئىشلىتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى «تېز قوغداش»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، جامائەت تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملىك، تەننەرخى تۆۋەن بولغان ھوقۇقىنى قوغداش يولى بىلەن تەمىلىنىدۇ؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى «ئوخشاش قوغداش»تا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلار ۋە چەت ئەل كارخانىلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى ۋە پۇقراۋى كارخانىلار، چوڭ كارخانىلار ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلار، ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئوخشاش قاراپ، ھەممىسىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىپ، بىردەك قوغداپ، تېخىمۇ ياخشى يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى ۋە سودا مۇھىتى يارىتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر