باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

تارىخنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، دۇنيا ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇيلى

ــــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدە سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا(2)

2018.04.12 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۈچلۈك دۇنيا ئېقىمىغا ماسلاشقانلار روناق تاپىدۇ، قارشى ماڭغانلار ھالاك بولىدۇ.

  «مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان دۇنيادا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى قاياققا قاراپ ماڭىدۇ؟ ئاسىيانىڭ ئىستىقبالى قەيەردە؟» رەئىس شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان «دەۋرنىڭ سوئالى» دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە دەۋر ئېقىمىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، بىرلىكتە تىنچ، خاتىرجەم، گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، گۈزەل ئاسىيا ۋە دۇنيا بەرپا قىلىشنىڭ جۇڭگو لايىھەسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ كەڭ قورساقلىقى، ئەتراپلىق ۋە كەڭ نەزەر دائىرىسى ھەمدە تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتىكى دادىللىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ «دەۋرنىڭ سوئالى» ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشىگە تۈرتكە بولدى. «دەۋرنىڭ سوئالى»غا جاۋاب بېرىشتە، ئەڭ مۇھىمى، تارىخنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، دۇنيا ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىش كېرەك.

  بۈگۈنكى دۇنيادا توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ئېقىم ۋە يۈزلىنىش نېمە؟ رەئىس شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتقىدا تىنچ ھەمكارلىشىش، ئېچىۋېتىپ يۈرۈشتۈرۈش، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت ئۈچ ئاچقۇچلۇق سۆزنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۈگۈنكى دۇنياغا نەزەر سالىدىغان بولساق، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسىغا ئايلاندى، سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرى، نۆل يىغىندىلىق تاقابىللىق بارغانسېرى كونىراپ سەپتىن چۈشۈپ قالدى، ئۆزىنى چوڭ بىلگەنلەر ياكى ئۆزىنىڭلا غېمىدە بولۇپ، ئۆزگە بىلەن كارى بولمايدىغانلار ھەممىلا يەردە دەككىسىنى يېدى؛ دۇنيا ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولغان دۇنيا كەنتىگە ئايلاندى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى كۈنسېرى ئۆزئارا باغلاندى، ئۆزئارا تەسىر كۆرسەتتى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، يۇغۇرما تەرەققىياتنى تېزلىتىش ــــ ئورتاق گۈللىنىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇقەررەر تاللاش بولۇپ قالدى؛ ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش ــــ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. كىم ئۆزگىرىشنى چەتكە قاقسا، كىم يېڭىلىق يارىتىشنى رەت قىلسا، شۇ دەۋرنىڭ ئارقىدا قالىدۇ، شۇ تارىخ تەرىپىدىن شاللىۋېتىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر