- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8- شى شىخەنزە شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى زۇ يۆبىن تەكشۈرۈلدى
2018.03.29 14:11 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىڭتۈەن 8- شى شىخەنزە شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، 8- شىنىڭ سىياسىي كومىسسارى زۇ يۆبىن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈش بويىچە تەھقىقلەش رەسمىيىتىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.
زۇ يۆبىننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:
زۇ ياۋبىن، ئەر، خەنزۇ، 1965- يىلى 3- ئايدا تۇغۇلغان، چوڭچىڭلىق، 1986- يىلى 6- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1987- يىلى 8- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئالىي ئىنژېنېر.
1983 - يىلى 9- ئايدىن 1987- يىلى 7- ئايغىچە، شىنجاڭ شىخەنزە يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى فاكۇلتېتىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى ماشىنىلاشتۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان؛
1987- يىلى 7- ئايدىن 1987- يىلى 8- ئايغىچە، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ تەقسىم قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان؛
1987- يىلى 8- ئايدىن 1989- يىلى 2- ئايغىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2- شى 29- تۇەنىنىڭ رېمونت قىلىش ۋە ياساش زاۋۇتىدا تېخنىك بولغان؛
1989- يىلى 2- ئايدىن 1990- يىلى 4- ئايغىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2- شى 29- تۇەنى ياساش زاۋۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛
1990- يىلى 4- ئايدىن 1994- يىلى 11- ئايغىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2- شى 29- تۈەنى ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛
1994- يىلى 11- ئايدىن 1996- يىلى 1- ئايغىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2- شى 29- تۇەنىنىڭ باش ئىنژېنېرى بولغان؛
1996- يىلى 1- ئايدىن 1997- يىلى 4- ئايغىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2- شى 29- تۇەنىنىڭ مۇئاۋىن تۇەنجاڭى بولغان؛
1997 - يىلى 4- ئايدىن 1999- يىلى 12- ئايغىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2- شى 29- تۈەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن تۇەنجاڭ بولغان؛
1999- يىلى 12- ئايدىن 2002- يىلى 3- ئايغىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2- شى 28- تۇەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋە مەزكۇر بىڭتۇەننىڭ تۇەنجاڭى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 2000- يىلى 12- ئايدىن 2002- يىلى 3- ئايغىچە، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد سودا ئىنستىتۇتىنىڭ دېھقانچىلىق ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىدىكى ئاسپىرانتلىق دەرسلىرى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان؛ 2001- يىلى 9- ئايدىن 2002- يىلى 1- ئايغىچە، بىڭتۇەن پارتكومى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوتتۇرا ياش ۋە ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇغان)؛
2003- يىلى 3- ئايدىن 2006- يىلى 1- ئايغىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2- شى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شىجاڭى بولغان (بۇ مەزگىلدە : 2004- يىلى 9- ئايدىن 2005- يىلى 1- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛
2006- يىلى 1- ئايدىن 2009- يىلى 2- ئايغىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2- شى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىجاڭى بولغان؛
2009- يىلى 2- ئايدىن 2009- يىلى 3- ئايغىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1- شى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىجاڭى بولغان؛
2009- يىلى 3- ئايدىن 2011- يىلى 8- ئايغىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1- شى ئارال شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1- شىسىنىڭ شىجاڭى، ئارال شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 2009- يىلى 3- ئايدىن 2009- يىلى 7- ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوتتۇرا ياش ۋە ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇغان)؛
2011- يىلى 8- ئايدىن 2011- يىلى 9- ئايغىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 1- شى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، كومىسسارى بولغان؛
2011- يىلى 9- ئايدىن 2012- يىلى 2- ئايغىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 1- شى ئارال شەھەرلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1- شىنىڭ سىياسىي كومىسسارى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، ئارال شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئارال شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛
2012- يىلى 2- ئايدىن 2012- يىلى 12- ئايغىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 1- شى ئارال شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 1ـ شىنىڭ سىياسىي كومىسسارى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى بولغان؛
2012- يىلى 12- ئايدىن 2016- يىلى 9- ئايغىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 1- شى ئارال شەھەرلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى، 1- شىنىڭ كومىسسارى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى بولغان؛
2016- يىلى 9- ئايدىن 2016- يىلى 10- ئايغىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8- شى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، كومىسسارى، ئارال شەھىرى شەھەرلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان؛
2016- يىلى- 10- ئايدىن ھازىرقىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8- شى شىخەنزە شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، 8- شىنىڭ سىياسىي كومىسسارى بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر