خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 12دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، ئېلىمىز جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە ئۇزۇن سەپەر تۆتىنچى ناملىق B توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق، يىراقتىن سېزىش 31- نومۇرلۇق 01 گۇرۇپپا سۈنئى ھەمراھى ۋە مىكرو نانو تېخنىكا تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى، سۈنئىي ھەمراھ ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا كىردى.
ئىگىلىنىشىچە، سۈنئى ھەمراھ ئاساسلىقى ئېلېكتىروماگنىت مۇھىتىنى تەكشۈرۈش ۋە ئالاقىدار تېخنىكا سىنىقىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىكەن.
بۇ قېتىمقى ۋەزىپە ئۇزۇن سەپەر يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتالىرىنىڭ 271- قېتىملىق ئۇچۇشى بولۇپ قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى