باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى ئاخبارات باياناتچىسى «شاڭخەي-شياڭگاڭ ئاكسىيە بازىرىنى تۇتاشتۇرۇش»، «شېنجىن-شياڭگاڭ ئاكسىيە بازىرىنى تۇتاشتۇرۇش»نىڭ كۈندىلىك سوممىسى كېڭەيتىلىپ، 2018-يىلىنىڭ ئىچىدە «شاڭخەي-لوندون ئاكسىيە بازىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش» ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، دېدى

2018.04.12 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى جاڭ يىگاڭ 11-ئاپرىل بوئاۋ مۇنبىرىدە مۇنداق ئېلان قىلدى: ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن شياڭگاڭنىڭ پاي چېكى بازىرىنى ئۆزئارا باغلاش-تۇتاشتۇرۇش مېخانىزمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۆزئارا باغلاش-ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنىڭ كۈندىلىك سوممىسى زور دەرىجىدە كېڭەيتىلىدۇ.

  جۇڭگو ئاكسىيە كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گاۋ لى شۇ كۈنى بۇ توغرىسىدا مۇنداق ئىنكاس قايتۇردى: شاڭخەي، شېنجىن، شياڭگاڭ ئاكسىيە بىرژىلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش-ئۆزئارا باغلاش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئومۇمىي ئايلىنىشى مۇقىم، تەرتىپلىك بولدى، ھەر كۈنلۈك سومما ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ بازارنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتىكى رولى مۇھىم بولدى. ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن شياڭگاڭنىڭ پاي چېكى بازىرى ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، كاپىتال بازىرىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىلىشىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئىككى جايدىكى ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى ئۆزئارا باغلاش-تۇتاشتۇرۇشنىڭ كۈندىلىك سوممىسىنى كېڭەيتىشكە قوشۇلۇپ، شاڭخەي پاي ئېقىمى ۋە شىېنجىن پاي ئېقىمىنىڭ كۈندىلىك سوممىسىنى ئايرىم-ئايرىم 52 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى قىلىپ تەڭشىدى، شاڭخەي-شياڭگاڭ ئاكسىيە بازىرىغا قاراشلىق شياڭگاڭ پاي ئېقىمى ۋە شېنجېن ئاكسىيە بىرژىسىغا قاراشلىق شياڭگاڭ پاي ئېقىمىنىڭ كۈندىلىك سوممىسىنى ئايرىم-ئايرىم 42 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى قىلىپ تەڭشىدى.

  ئۇندىن باشقا، گاۋلى يەنە مۇنداق دېدى: شاڭخەي ئاكسىيە بىرژىسى ۋە لوندون ئاكسىيە بېرژىسى پاي چېكى بازىرىنىڭ ئالاقىسىنى باغلاش-راۋانلاشتۇرۇش («شاڭخەي-لوندون پاي ئېقىمى») بولسا، جۇڭگو-ئەنگلىيە پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان، دۆلىتىمىز كاپىتال بازىرىنى قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ۋە بىزنىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادىمىزنى دۇنياغا نامايان قىلىدىغان بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر. ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى «شاڭخەي-لوندون ئاكسىيە بازىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش»» تەييارلىق خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنگلىيە بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، 2018-يىلى ئىچىدە يولغا قويۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، كاپىتال بازىرىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان خەلقئارا ھەمكارلىق يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر