باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئالىملىرى ئۈچىنچى خىل ساقلاش تېخنىكىسىنى ياراتتى

2018.04.11 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى مېكرو ئېلېكتىرون ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى جاڭ ۋېي، جۇ پېڭ ئەترىتى ئاغدۇرما خاراكتېرلىك ئىككى ئۆلچەملىك يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك يوقاپ كەتمەيدىغان ساقلىغۇچنىڭ ئەسلىي زاپچىسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ، ئۈچىنچى خىل ساقلاش تېخنىكىسىنى ياراتتى، بۇ ساقلىغۇچنىڭ يېزىش سۈرئىتى نۆۋەتتىكى بارماق دىسكىدىن 10 مىڭ ھەسسە تېز بولۇپ، سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلاش ۋاقتىنىمۇ ھەم ئۆز ئالدىغا قارار قىلالايدۇ. بۇ، خەلقئارا يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك زەرەت ساقلاش تېخنىكىسىدىكى «يېزىپ كىرگۈزۈش سۈرئىتى» ۋە «ئاسان يوقاپ كەتمەسلىك»نى تەڭ ئىشقا ئاشۇرۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

  بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاپرېل، ئالاقىدار نەتىجە توردا «تەبىئەت . نانومېتىر تېخنىكىسى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك زەرەتلىك ساقلاش تېخنىكىسى ئاساسلىقى مۇنداق ئىككى خىل بولىدىكەن، بىرىنچى خىلى، يوقىلىشچان ساقلاش بولۇپ، مەسىلەن، كومپيۇتېرنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى قاتارلىقلار ئىكەن. ئادەتتە بىرقانچە سېكۇنت ئەتراپىدا سانلىق مەلۇماتلارنى يازالايدىكەن، توك ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن سانلىق مەلۇمات يوقاپ كېتىدىكەن؛ ئىككىنچى خىلى، ئاسان يوقىمايدىغان ساقلاش بولۇپ، مەسىلەن، كىشىلەر دائىم ئىشلىتىدىغان بارماق دېسكا قاتارلىقلاردا سانلىق مەلۇماتلار نەچچە مىكرو سېكۇنتتىن نەچچە ئون مىكرو سېكۇنتقىچە ۋاقىتتا ساقلىنىدىكەن، سانلىق مەلۇماتلار يېزىلغاندىن كېيىن ئارتۇق ئېنېرگىيە سەرپ قىلىنمىسىمۇ 10 يىل ساقلاشقا بولىدىكەن.

  بۇ قېتىم تەتقىق قىلىپ ياسالغان يېڭى تىپتىكى زەرەت ساقلاش تېخنىكىسى 10 نانو سىكۇنتتىلا سانلىق مەلۇماتلارنى يېزىش سۈرئىتى تەلىپىنى قاندۇرالايدۇ، يەنە ئېھتىياج بويىچە بېكىتىدىغان (10 سىكۇنتتىن 10 يىلغىچە) سانلىق مەلۇماتلارنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان ئاسان يوقاتماسلىق ئالاھىدىلىكى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. بۇ خىل پۈتۈنلەي يېڭى ئالاھىدىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك ئىچكى ساقلىغۇچتا ساقلاش قۇۋۋەت سەرپىياتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سانلىق مەلۇماتنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئالاھىدە ئىشلىتىش مۇھىتىدىكى مەخپىيەتلىك ۋە يوللاش ئارىسىدىكى زىددىيەت ھەل قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر