باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرىنى ئېلان قىلدى

«ئوقۇش تارىخىغىلا قاراش، خىزمەت ئىستاژىغىلا قاراش، ئىلمىي ماقالىسىغىلا قاراش»قا قارىتا، «بولدى، بەس!»، دېيىش كېرەك.

2018.04.02 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش پىكرى» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى بىر باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھات ئىشخانىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 3- ئاينىڭ 29- كۈنى ئېچىلغان ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇنۋان تۈزۈمىنىڭ سىياسەت سستېمىسى ۋە ئۇنۋان باھالاش ئۆلچەم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنۋان باھالاش مېخانىزم سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، «ئوقۇش تارىخىغىلا قاراش، خىزمەت ئىستاژىغىلا قاراش، ئىلمىي ماقالىسىغىلا قاراش»قا قارىتا، «بولدى، بەس!» دەپ، ئۇنۋاننى ھەقىقىي تۈردە كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىشنىڭ «سىلجىتكۈچىسى» قىلىدىكەن.

  «يولغا قويۇش پىكرى»دە مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: باھالانغۇچىنىڭ سىياسىي ئىپادىسىنى ئۇنىڭ كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىرىنى باھالاشتىكى ئالدىنقى شەرتلىرى ھېسابلىنىدىغان ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش دېگەندەك جەھەتلەردىكى ئەمەلىي ئىپادىلىرىنى ئۇنىڭ كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىرىنى باھالاشنىڭ ئالدىنقى ئۆلچەملىرى قىلىش كېرەك؛ سىياسىي ئىپادىسىدە مەسىلە بولغانلارغا «ھەرگىز يول قويماسلىق» كېرەك. كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىرىنى باھالاشنىڭ نەتىجە سەۋىيەسى ۋە ئەمەلىي تۆھپىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇنۋان باھالاشتىكى ئىلمىي ماقالە ۋە پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى شەرتىنى مۇۋاپىق تەسىس قىلىپ، باھالانغۇچىنىڭ ئىلمىي ماقالىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش تىپىدىكى ئىختىساس ئىگىلىرىنى باھالاشنى چەكلەيدىغان قاتتىق شەرت قىلىۋالماي، خىزمەت خۇلاسىسى يېزىش، قۇرۇلۇش لايىھەسى تۈزۈش، دەرس پىلانى تۈزۈش ۋە كېسەللىك تارىخى خاتىرىسى يېزىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى نەتىجە شەكىللىرىنى ئىلمىي ماقالىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش كېرەك. ئۇنۋاندا چەت ئەل تىلى ۋە كومپيۇتېر ئىشلىتىش تېخنىكىسى ئىمتىھانىغا بىر تۇتاش تەلەپ قويماسلىق كېرەك. چەت ئەل تىلى ۋە كومپيۇتېر ئىشلىتىش تېخنىكىسىنى باھالاشقا ھەقىقەتەن ئېھتىياج تۇغۇلسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە باھالاش ئاپپاراتلىرى باھالاش شەرتىنى ئۆز ئالدىغا بېكىتسە بولىدۇ. ئەمەلىي نەتىجىسىنى باھالاشنى ئاساس قىلىپ، ئۇنىڭ كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىرىنى باھالاشنىڭ نەتىجە سەۋىيەسى ۋە ئەمەلىي تۆھپىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئوقۇش تارىخى ۋە خىزمەت ئىستاژى نورمال باھالاش شەرتىگە توشمايدىغان، لېكىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىگە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان، نەتىجىسى روشەن بولغان، ھەمدە ئۆز ساھەسىدە ئېتىراپ قىلىنغان كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا، شۇنداقلا تەكلىپ قىلىپ كىرگۈزۈلگەن يۇقىرى قاتلاملىق ۋە جىددىي ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىقلارغا، ھەم ساھەدە كەمچىل بولغان ئىختىساسلىقلارغا ئۇنىڭ نەتىجە سەۋىيەسى ۋە ئەمەلىي تۆھپىسىگە ئاساسەن بىۋاسىتە ئالىي ئۇنۋان بېكىتىش كېرەك.

  «يولغا قويۇش پىكرى»دە يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: نوپۇس تەۋەلىكى، رايون، سالاھىيەت، ئارخىپ، كادىرلار مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنىڭ چەكلىمىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بۇزۇپ تاشلاپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ساھەلەردىكى كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ كەسپىي ئالاھىدىلىكى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان ئۇنۋان ئىلتىماس قىلىش يوللىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرى ۋە ئاساسىي قاتلاملارنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى باھالىغاندا، ئەمەلىي خىزمەت نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلمىي ماقالە تەلىپىنى تۆۋەنلىتىپ ياكى ئىلمىي ماقالە تەلىپىنى قويماي، ئوقۇش تارىخى ۋە ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىگە قويۇلىدىغان تەلەپنى مۇۋاپىق قويۇۋېتىپ، ئۇنىڭ كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭدا، ئاساسىي قاتلاملاردا يىلتىز تارتىشقا ئەڭ زور دەرىجىدە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

  مەزكۇر «يولغا قويۇش پىكرى»دىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىز 2020- يىلىغا بارغاندا، قۇرۇلۇش، سەھىيە، يېزا ئىگىلىكى، بوغالتىرلىق، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقى، ئىلمىي تەتقىقات قاتارلىق ساھەلەردە ئۇنۋان سىستېمىسىنى قاتلاملار ۋە دەرىجىلەر بويىچە تەسىس قىلىش، باھالاشنىڭ ئۆلچەم-شەرتلىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش قاتارلىق ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملايدىكەن؛ 2022- يىلىغا بارغاندا، تەسىس قىلىنىشى مۇۋاپىق، باھالىشى ئىلمىي، باشقۇرۇشى قېلىپلاشقان، ھەرىكىتى ماسلاشقان، مۇلازىمىتى ئەتراپلىق، ھەمدە ئاپتونوم رايوندىكى كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇنۋان تۈزۈمى سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلار بۇ «يولغا قويۇش پىكرى»گە يانداش بولغان ھەر خىل يەككە تۈردىكى سىياسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ چىقىپ ۋە ئېلان قىلىپ، ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى سىياسەت ۋە تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر