خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئاينىڭ 8 - كۈنى، ۋېنگرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا، ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان ئاۋاز بېرىش پونكىتىدا بېلەت تاشلىغاندىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا.
تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋېنگرىيە پارلامېنتى سايلىمى 8- ئاپرېل باشلاندى. شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 6دە، مەملىكەت بويىچە 10 مىڭ بېلەت تاشلاش پونكىتىدا دەل ۋاقتىدا بېلەت تاشلاش پائالىيىتى باشلاندى. ۋېنگرىيە دۆلەت ئىچىدىكى سايلىغۇچىلارنىڭ سانى سەككىز مىليونغا يەتتى. شۇ جاينىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، سايلىغۇچىلار شۇ كۈنى كەچ سائەت 7دىن بۇرۇن بېلەت تاشلىسا بولىدىكەن. دەسلەپكى بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسى پىلان بويىچە شۇ كۈنى كەچتە ئېلان قىلىنىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى