خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، پولشانىڭ ۋارشاۋادىكى ھەربىيلەر قەبرىستانلىقىدا، پولشا زۇڭتۇڭى دۇدا (ئالدى رەت سولدا) سمولېنسكى ئايروپىلان ھادىسىسىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
شۇ كۈنى، پولشا ھۆكۈمىتى پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، سمولېنسكى ئايروپىلان ھادىسىسىنىڭ سەككىز يىللىقىنى خاتىرىلىدى. 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 10- كۈنى، پولشانىڭ شۇ چاغدىكى زوڭتۇڭى كاچىنىسكى رۇسىيەگە بېرىپ «كاتىن ۋەقەسى»نىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا ماڭغاندا، ئۇ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايرۇپىلان رۇسىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى سمولېنىسكى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى، زوڭتوڭ ئەر–خوتۇن ۋە پولشانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 96 كىشىنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى