باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

سىرتقا ئېچىۋېتىش يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋاملاشتۇرۇلىدۇ

___ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2018-يىللىق يىللىق يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى جايلاردا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

2018.04.12 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى كېڭىيىدۇكى مەڭگۈ تاقالمايدۇ!» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 10-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2018-يىللىق يىللىق يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى، يېڭى دەۋردە جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ئارىلىشىپ تەرەققىي قىلىش يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشتىكى مۇستەھكەم ئېتىقادى ۋە ئېچىۋېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىرلىرىنى تەنتەنىلىك جاكارلاپ، يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى، شۇنداقلا جايلاردىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە ئاتلىنىشتىكى مۇستەھكەم ئىشەنچى ۋە ئوتتەك قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى.

  تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز

  تيەنجىن بىڭخەي ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئورنىنىڭ باشلىقى دۈەن جىچۇاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۆتكەن 40 يىللىق تەرەققىياتى ئېچىۋېتىش شارائىتىدا قولغا كەلگەن، كەلگۈسىدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشىمۇ چوقۇم تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتۇقىنى ئاڭلاپ، بىڭخەي يېڭى رايونىنى ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىشەنچىمىز تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. كۆپ يىللىق ئېچىۋېتىش ۋە قۇرۇلۇش ئارقىلىق بىڭخەي يېڭى رايونى تۈزۈلمە-مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش، رايونلار تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئېچىۋېتىپ ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىش جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. تەرەققىيات رايونى، باجدىن خالىي رايون، ئېكسپورت ئۈچۈن پىششىقلاپ ئىشلەش رايونىدىن باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروت رايونى، باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايون، باجسىز پورت رايونى شۇنداقلا ئەركىن سودا سىناق رايونىغىچە، بىڭخەي يېڭى رايونى دۆلەت كۆپ قاتلام بويىچە ئېچىۋەتكەن تەجرىبە ئېتىزىغا ئايلاندى. كەلگۈسىدە بىڭخەي رايونى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ يىلتىز ۋە روھنى چىڭ تۇتۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيا رىقابىتى، ھەمكارلىقىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى ئورنىتىپ، ئوچۇق ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ يېتىشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  بېيجىڭ شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تەن شۈشياڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتقى يۇقىرى قاتلامدا تۇرۇپ تەييارلانغان بولۇپ، كۆز قارىشى روشەن، مەزمۇنى چوڭقۇر، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيىتىنى ئەكس ئەتتۈردى، شۇنداقلا ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. بېيجىڭ شەھىرى باشتىن-ئاخىر پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى، بۇنىڭدىن كېيىن ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش يېڭى پەللىسىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئالغا سىلجىتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر