باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا 1-ئىيۇلدىن بۇرۇن تور ئېقىمى «كەزمە مۇلازىمەت ھەققى» ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

2018.04.08 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 1- ئىيۇلدىن بۇرۇن، شىنجاڭدا پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە تور ئېقىم مىقدارى «كەزمە مۇلازىمەت» ھەققى بىكار قىلىنىدىكەن، شۇ چاغدا ئېقىم مىقدارى شىنجاڭ ئىچى ۋە دۆلەت ئىچى دەپ ئايرىلمايدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ھەرقايسى خەۋەرلىشىش كارخانىلىرى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەرنى رەتلەش ۋە سىستېمىلارنى تەڭشەش، ئېچىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تېز قانات يايدۇرۇۋاتقان بولۇپ، شىنجاڭدىكى كەڭ خېرىدارلارنىڭ 1- ئىيۇلغىچە بۇ ئەمەلىي نەپتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

  شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەلى ھۈسەن: «شىنجاڭدا ھازىر كۆچمە ئىنتېرنېت تورى ئابونتى 18 مىليون 664 مىڭغا، نەرسە تورى تېرمىنالى 1 مىليون 777 مىڭغا يەتتى، ئاۋازلىق خەۋەرلىشىش كەسپىگە سېلىشتۇرغاندا، نۆۋەتتە پۇقرالارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىدىغىنى سانلىق مەلۇمات ئېقىم مىقدارى كەسپى بولۇپ قالدى. ئېقىم مىقدارى ‹كەزمە مۇلازىمەت› ھەققىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كەڭ خېرىدارلارنىڭ ئېقىم مىقدارىنى ئىشلىتىش ئەندىشىسىنى ئۈزۈل- كېسىل تۈگىتىپ، ئۇلارنى ھەر قانداق جايدا، ھەرقانداق ۋاقىتتا يان تېلېفوندا خاتىرجەم تورغا چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ»، دېدى.

  بۇ يىلقى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تور سۈرئىتى ئاشۇرۇلۇپ، ھەققى تۆۋەنلىتىلىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك، كەڭ بەلباغلىق تورنىڭ شەھەر-يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاممىۋى سورۇنلاردا ھەقسىز تورغا چىقىش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ. ئائىلە كەڭ بەلباغ تورى، كارخانا كەڭ بەلباغ تورى ۋە مەخسۇس لىنىيە ئىشلىتىش ھەققى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىلىدۇ، ئېقىم مىقدارىنىڭ «كەزمە مۇلازىمەت» ھەققى بىكار قىلىنىدۇ، كۆچمە تور ئېقىم مىقدارى ھەققى بۇ يىل ئىچىدە ئاز دېگەندە %30 تۆۋەنلىتىلىپ، ئامما ۋە كارخانىلار ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈلۈپ، رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىلىدۇ.

  ئەلى ھۈسەن مۇنداق دېدى: بىز سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەۋەرلىشىش كارخانىلىرىنىڭ ئېقىم مىقدارى كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەندىن سىرت، كارخانىلارنىڭ چوڭ ئېقىم مىقدارى تور كارتىسى، پەلەمپەي شەكىللىك ئېقىم مىقدارىنى خاتىرجەم ئىشلىتىش قاتارلىق ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆچمە تور ئېقىم مىقدارى ھەققىنىڭ يىل ئىچىدە ئاز دېگەندە %30 تۆۋەنلىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىرلىك ئېقىم مىقدارى ھەققى داۋاملىق تۆۋەنلىتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر