باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى

2018.04.09 16:56   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئاپرېل خەلق سارىيىدا ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ گۇتېررېسنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى ھەم بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2018-يىللىق يىللىق يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلقئارا ۋەزىيەتتە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەر بولدى. خەلقئارادىكى مەسىلىلەر خىلمۇ خىل، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇ خىرىسقا ياخشى تاقابىل تۇرۇشىمىز زۆرۈر. جۇڭگو ھازىر ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، بۇ بەش تەرەپ يەنە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى. بىز ئىنتىلىۋاتقان تەرەققىيات يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بولۇشى كېرەك، ئۇنىڭ ئۆلچىمى بولسا خەلقنى مەركەز قىلىش. مەيلى دۆلەت ئىچىنى ئىدارە قىلىش ياكى دۇنيانى ئىدارە قىلىشتا بولسۇن، ھەممىسىدە خەلقنىڭ ئېرىشىشىنى نىشان قىلىپ، ئاممىنى ئىشەنچ ۋە مۇقىملىق كۆزلىمىسىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئىلگىرىلەشنىڭ تۈرتكىسىنى ئىسلاھات جەريانىدا ئىزدەش، يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا قېزىش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى ۋە ئەمدىلا ئاياغلاشقان جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»ىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئاچقۇچلۇق سۆز قىلىندى. بىز قىلىۋاتقان ئىشلار خەلققە بەخت يارىتىش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، دۇنيادا ئورتاقلىق ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەشەببۇس قىلىش ھەم ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مەقسىتى يەنىلا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئورتاق گۈللىنىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، گۈزەل كېلەچەككە بولغان ئىشەنچنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·چۇڭچىڭدا كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلە ئوقۇغۇچىلىرى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا، ئوقۇش پۇ…
    ·شىنجاڭدا 2018- يىلى يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ كاپالەت مېخانىزمى ئۈچۈن بىر مىليارد ب…
    ·ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىك…
    ·3-تۈركۈم دۆلەت «10 مىڭ كىشى پىلانى»دىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئۆزگىرىشلەر
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، يالغانچىلىق قىلغانلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قۇ…
    ·مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇيدۇ
    ·مائارىپ سېلىنمىسىنى داۋاملىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك
    ·مائارىپ قىزلارنىڭ تەقدىرىنى نۇرلاندۇرىدۇ___ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى جىكې شىۋۇنىڭ نەزىرىدىكى ئاز سا…