خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاپرېل خەينەن ئۆلكىسىدىكى بوئاۋ دۆلەت مېھمانسارىيىدا فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرتې بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ دۇتېرتې ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، جۇڭگو-فىلىپپىن مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئېچىلدى. جۇڭگو فىلىپپىن بىلەن بىرلىكتە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق راۋاجلىنىدىغان ئۇلۇغ نىشاننى تۇرغۇزۇپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق ھەل قىلىدىغان قالتىس ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو-فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى