باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى تارقاتقان تىپىك دېلولاردىن توققۇزنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

2018.04.09 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى پاش قىلىنغان يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن، توردا چارلاپ-تاراپ تەھقىقلەش ئارقىلىق، توردا قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى تارقاتقان تىپىك دېلولاردىن 12- تۈركۈمدىكى جەمئىي توققۇز دېلونى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ ئاشكارىلىدى ۋە بىر تەرەپ قىلدى. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، دېلولارغا چېتىشلىقلار ئالاقە تورى قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، زوراۋانلىق-تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە پىتنە-ئېغۋا، يالغان ئۇچۇر قاتارلىق مەزمۇنلارغا چېتىلىدىغان يازمىلار، سۈرەتلەر ۋە ئۈن-سىنلارنى تەرغىپ قىلىپ، ساقلاپ ۋە تارقىتىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى»، «ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توردا يالغان ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش نىزامى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان. جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق تارماقلار ئۇ ئالاقىدارلارنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

  1- دېلو: قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى ئا x نىڭ زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىنلارنى تارقىتىش دېلوسى

  2018 - يىلى 2- ئاينىڭ 24- كۈنى، تورداشلار ئا x نىڭ (ئا x، ئەر، ئۇيغۇر، 23 ياش، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرىدىن) ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىنلارنى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ئا x قا جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسىنى بەردى.

  2-دېلو: ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى يا x نىڭ زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىنلارنى ساقلاش ۋە تارقىتىش دېلوسى

  2018- يىلى 2- ئاينىڭ 28- كۈنى، تورداشلار يا x نىڭ (يا x، ئەر، ئۇيغۇر، 29 ياش، ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا ناھىيەسىدىن) يان دېسكىسىغا زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت نۇرغۇن ئۈن-سىنلارنى ساقلىغانلىقى ۋە تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى يا x قا جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسىنى بەردى.

  3- دېلو: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تور ئەھلى مى x نىڭ زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىنلارنى ساقلاش دېلوسى

  2018 - يىلى 3- ئاينىڭ 5- كۈنى، تورداشلار مى x نىڭ (مى x، ئەر، ئۇيغۇر، 29 ياش، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن) كومپىيۇتېرىدا زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت نۇرغۇن ئۈن-سىنلارنى ساقلىغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى مى x قا جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسىنى بەردى.

  4- دېلو: قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تورئەھلى ئەي x نىڭ زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىنلارنى تارقىتىش دېلوسى

  2018- يىلى 3- ئاينىڭ 6- كۈنى، تورداشلار ئەي x نىڭ (ئەي x، ئەر، ئۇيغۇر، 34 ياش، قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇرغا ناھىيەسىدىن) ئالاقە تورى ئارقىلىق زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىنلارنى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ئەي x قا جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسىنى بەردى.

  5- دېلو: قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى كۇ x نىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك بۇيۇملىرىنى ساقلاش ۋە تەرغىب قىلىش دېلوسى

  2018- يىلى 3- ئاينىڭ 7- كۈنى، تورداشلار كۇ x نىڭ (كۇ x، ئەر، ئۇيغۇر، 23 ياش، قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇرغا ناھىيەسىدىن) يانفونىدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىدىغان نۇرغۇن سۈرەتلەرنى ساقلىغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى كۇ x قا جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسىنى بەردى.

  6- دېلو: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى يې x نىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك بۇيۇملىرىنى تارقىتىش ۋە تەرغىب قىلىش دېلوسى

  2018- يىلى 2- ئاينىڭ 11- كۈنى، تورداشلار يې x نىڭ (يې x، ئەر، ئۆزبېك، 31 ياش، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا شەھىرىدىن) ئۈندىدارىدىكى دوستلار چەمبىرىكىدە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىدىغان نۇرغۇن سۈرەتلەرنى ئېلان قىلغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى يې x قا جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسىنى بەردى.

  7- دېلو: شىخەنزە شەھىرىدىكى تور ئەھلى لۇ x نىڭ قانۇنسىز يىغىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش ۋە ئۇنى پىلانلاش دېلوسى

  2018- يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى، تورداشلار لۇ x نىڭ (لۇ x، ئەر، خەنزۇ، 37 ياش، شىخەنزە شەھىرىدىن) ئۈندىدار توپىدا ئاممىنى قانۇنسىز يىغىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقى ۋە ئۇنى پىلانلىغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى لۇ x قا توختىتىپ قويۇش مەمۇرىي جازاسىنى بەردى.

  8- دېلو: شىخەنزە شەھىرىدىكى جاڭ x نىڭ سىياسىي جەھەتتىكى پىتنە-ئېغۋالارنى تارقىتىش دېلوسى

  2018 - يىل 2- ئاينىڭ 26- كۈنى، تورداشلار جاڭ x نىڭ (جاڭ x، ئەر، خەنزۇ، 42 ياش، شىخەنزە شەھىرىدىن) ئۈندىدارىدىكى دوستلار چەمبىرىكىدە سىياسىي جەھەتتىكى پىتنە-ئېغۋالارنى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى جاڭ x قا توختىتىپ قويۇش مەمۇرىي جازاسىنى بەردى.

  9- دېلو: بورتالا ئوبلاستىدىكى شۈ x نىڭ سىياسىي جەھەتتىكى پىتنە-ئېغۋالارنى تارقىتىش دېلوسى

  2018- يىل 3- ئاينىڭ 12- كۈنى، تورداشلار شۈ x نىڭ (شۈ x، ئەر، خەنزۇ، 29 ياش، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بورتالا شەھىرىدىن) ئۈندىدارىدىكى دوستلار چەمبىرىكىدە سىياسىي جەھەتتىكى پىتنە-ئېغۋالارنى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى شۈ x قا توختىتىپ قويۇش مەمۇرىي جازاسىنى بەردى.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تور بوشلۇقى ھەرگىز قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەس. شۇڭا، ئالاقە تورى ئارقىلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىننىي ئەسەبىيلىككە ئائىت، ھەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا دائىر يازمىلار، سۈرەتلەر ۋە ئۈن-سىنلارنى تەرغىپ قىلغان، ساقلىغان ۋە تارقاتقانلار؛ پارتلاتقۇچ ئۈسكۈنىلەر، قورال-ياراقلار ۋە چەكلەنگەن قوراللارنىڭ ياسىلىشى، ئىشلىتىلىشى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆگەتكەن، ياسىغانلار؛ ساختا ئۇچۇر تارقاتقانلار؛ باشقىلارنى ھاقارەت قىلغان، باشقىلارغا تەھدىت سالغان، پاكىتنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، باشقىلارغا تۆھمەت قىلغانلار؛ ئۇنداقلارنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك يازمىلار، سۈرەتلەر ۋە ئۈن-سىنلەر بولسا، ئۇنداقلار ئۇلارنى ئۆزلۈكىدىن دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىشى ۋە يوقىتىشى كېرەك. ئەگەر شەخس ئۆزى يوقىتىشقا ئامال قىلالمىسا، يەرلىكتىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. كەڭ تورداشلارنىڭ قانۇن-نىزاملارغا قاتتىق بوي سۇنۇپ، مەدەنىي تور ئەھلى سۈپىتىدە تورغا چىقىپ، ھەمدە قانۇن بويىچە تورغا چىقىپ، ساغلام ۋە تەرتىپلىك بولغان ئىنتېرنىت مۇھىتىنى ئورتاق قوغداشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كەڭ تورداشلارنىڭ توردىكى قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئاكتىپلىق بىلەن پاش قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر ئۆز ۋاقتىدا مۇكاپاتلىنىدۇ.

  پاش قىلىش ئۇسۇلى:

  تور ئادېرىسى : www.xjwljb.com

  تېلېفون نومۇرى : 2384777-0991

  ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى : xjwljb@xjts.cn

  بىلوگ: @شىنجاڭ توردا پاش قىلىش

  ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى: شىنجاڭ توردا پاش قىلىش

  ساقچىغا مەلۇم قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى: 110

  ئۇچۇر ئارقىلىق ساقچىغا مەلۇم قىلىش نومۇرى 12110

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر