باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا بۇ يىل 15 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق جامائەت ئىجارىلىك ئۆيى تەقسىم قىلىنىدۇ

2018.04.04 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاپرىل، بېيجىڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل بېيجىڭ شەھىرىدە 15 مىڭ يۈرۈش (ئائىلە)دىن ئارتۇق جامائەت ئىجارىلىك ئۆيى (بازار ئۆي ئىجارە تولۇقلىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تەقسىم قىلىنىدىكەن.

  بېيجىڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆپ سۇبيېكتلىق تەمىنلەش، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىش، سېتىۋېلىش بىلەن ئىجارىگە ئېلىش بىرلەشتۈرۈلگەن تۇرالغۇ ئۆي تۈزۈمىنى ئورنىتىش تەلىپى بويىچە، بېيجىڭ شەھىرىدە بازار ئارقىلىق تەقسىملەش ئاساس قىلىنغان، ھۆكۈمەت ئاساسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدىغان تۇرالغۇ ئىجارە سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە بازىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش تېزلىتىلىدۇ. ئىجارە تۇرالغۇ بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يىل جامائەت ئىجارە ئۆيىنى تەقسىملەش كاپالەت سالمىقى يەنىمۇ زورايتىلىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ تەلىپى بويىچە، بېيجىڭ شەھىرى جامائەت ئىجارە ئۆيىنىڭ پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلۇش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرغان، پىرىنسىپ بويىچە 2015-يىلىدىن بۇرۇن قۇرۇلۇش باشلانغان، ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان جامائەت ئىجارە ئۆيلىرىنىڭ تەقسىم قىلىنىش نىسبىتى 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە %90 تىن ئاشۇرۇلىدىكەن، شۇڭا، بۇ يىل ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيلىرىنى تەقسىملەشتىكى يەنە بىر «چوڭ يىل» بولىدىكەن. بېيجىڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ ھەر قايسى رايونلۇق ھۆكۈمەتلەر ۋە شەھەرلىك كاپالەتلىك تۇرالغۇ مەركىزى بىلەن بىرلىكتە دەسلەپكى قەدەمدە جەملەپ چىقىشىچە، تەقسىملەشكە بولىدىغان ئۆي مەنبەسى 15 مىڭ يۈرۈشكە يېتىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، تەقسىملىنىدىغان تۈر ئىچىدە، ئىجارە ھەققى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئاران 31 يۈەن / كىۋادرات مېتىر / ئاي بولىدىكەن، ئوتتۇرىچە ئىجارە ھەققى 40 يۈەن / كىۋادرات مېتىر / ئاي بولىدىكەن، ھەر بىر يۈرۈش ئۆينى 50 كىۋادرات مېتىر بويىچە ھېسابلىغاندا، بىر يۈرۈش جامائەت ئىجارىلىك ئۆيىنىڭ ئىجارە ھەققى ھەر ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئاران 2000 يۈەن بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر