باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا تاموژنا بېجى قوشۇپ ئالىدىغان جۇڭگو تاۋارلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

2018.04.04 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى 3-ئاپرىل «301 تەكشۈرۈشى»نىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن، تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىنىدىغان جۇڭگو تاۋارلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، بۇ تىزىملىك ھەر يىلى جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىنىدىغان قىممىتى تەخمىنەن 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تاۋارغا چېتىلىدۇ.

  ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان بىر باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئاساسلىقى ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنىكىسى، ئالەم قاتنىشى-ئاۋىياتسىيە، ماشىنا ئادەم، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك، ماشىنىسازلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى جۇڭگودىن كەلگەن 1300 تۈرلۈك تاۋاردىن تاموژنا بېجىنى %25 قوشۇپ ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  باياناتتا، كۆپچىلىك 11-مايدىن بۇرۇن سودا ۋەكىلى ئىشخانىسىغا تىزىملىكنىڭ مەزمۇنى ۋە باج نىسبىتى ئۈستىدە يازما پىكرىنى تاپشۇرسا بولىدۇ، دېيىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر