خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29-مارت خەلق سارىيىدا نامىبىيە زۇڭتۇڭى گېئىنگوب بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-نامىبىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى بىردەك قارار قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-نامىبىيە ئىككى دۆلەت، ئىككى پارتىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، جاھانگىرلىككە، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، دۆلەت قۇرۇلۇشىدا بىر-بىرىنى قوللاپ، دوستلۇقى، ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ھەسسىلەپ قەدىرلىشىگە ئەرزىيدۇ. ھازىر، جۇڭگو بىلەن نامىبىيە ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى يېڭى باسقۇچقا كىردى، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى يۈكسەك ماسلىشىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قارىشى كۆپ جەھەتتىن ئوخشىشىپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتا ئەۋزەللىكى ئارقىلىق ئۆز ئارا تولۇقلايدىغان ھالەتتە تۇرماقتا. «تولۇق ئىقلىملىق» دوست بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو نامىبىيە بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-نامىبىيە مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق پۇختا، ياخشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن نامىبىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋە ھەر قايسى قاتلامدىكىلەرنىڭ دوستلۇق ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆز ئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە ئىككى تەرەپ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قەتئىي قوللىشى كېرەك. ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ساھەلەر ۋە نۇقتىلىق تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، يوشۇرۇن كۈچلەرنى تولۇق قېزىپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو نامىبىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشىنى ئالقىشلايدۇ، نامىبىيە بىلەن بىرلىكتە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسەت جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە پىلانلارنى جىپىسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ ئىجتىمائىي ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. جۇڭگو نامىبىيە بىلەن بىرلىكتە ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، ياۋايى ھايۋانلاردىن ياسالغان مەھسۇلاتلارنى ئەتكەس قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا ھەرگىز يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ ھەم قانات ئاستىغا ئالمايدۇ. خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئافرىقا ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى