خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 29-كۈنى، پانمۇنجومنىڭ چاۋشيەن تەرىپىدىكى بىرلىككە كەلتۈرۈش سارىيىدا، كورېيە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى جاۋ مىڭجۈن (سولدا) ۋە چاۋشيەن ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى شەنچۈەن سۆھبەتتىن كېيىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە.
كورېيە ۋە چاۋشيەن ۋەكىللىرى 29-مارت پانمۇنجومنىڭ چاۋشيەن تەرىپىدىكى بىرلىككە كەلتۈرۈش سارىيىدا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزدى، ئىككى تەرەپ كېڭىشىش ئارقىلىق، 4- ئاينىڭ 27-كۈنى پانمۇنجومنىڭ كورېيە تەرەپتىكى «تىنچلىق ئائىلىسى»دە كورېيە-چاۋشيەن باشلىقلار سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى بېكىتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى