خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 29-كۈنى، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى دەپنە مۇراسىمىدا پىدائىي قىسىم ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ جەسەت ساندۇقىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ماڭماقتا.
شۇ كۈنى، بەشىنچى تۈركۈمدىكى كورېيە جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسىمىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرى شېنياڭدىكى ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. 20 نەپەر پىدائىي قىسىم ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنىڭ روھى 60 نەچچە يىلدىن كېيىن ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ قوينىغا قايتىپ كېلىپ، جۇڭخۇا زېمىنىدا ئەمىن تاپتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى