باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى تەڭشەلدى

2018.03.29 14:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26- مارت، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى تارقىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشىگەن بولۇپ، تەڭشەلگەندىن كېيىنكى بۇ ئۆلچەم 2018– يىلى 1– ئاينىڭ 1– كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى رايون بويىچە تۆت دەرىجىگە ئايرىلىدىكەن. بۇ قېتىم تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئىككى خىلغا بۆلۈنىدىكەن: بىرىنچىسى، ئەمگەكچىلەر ئۆزى تاپشۇرغان كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى جەھەتتىكى ھەقلەر ۋە تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى قاتارلىق خىراجەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند» دېيىلىدۇ) ھالدىكى ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بولۇپ، بۇ يەنە تۆت دەرىجىگە ئايرىلغان، يەنى، 1820 يۈەن، 1620 يۈەن، 1540 يۈەن ۋە 1460 يۈەن دېگەندەك. بۇنىڭ بىلەن، ئەسلىدىكى ئۆلچەمدىن ئايرىم–ئايرىم ھالدا 150 يۈەندىن كۆپەيتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە كۆپىيىش نىسبىتى %10.4 بولغان؛ ئىككىنچىسى، «ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند»نى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بولۇپ، بۇمۇ تۆت دەرىجىگە ئايرىلغان، يەنى، 1441 يۈەن، 1241 يۈەن، 1161 يۈەن ۋە 1081 يۈەن دېگەندەك. بۇنىڭ بىلەن، ئەسلىدىكى ئۆلچەمدىن ئايرىم–ئايرىم ھالدا 109 يۈەندىن 127 يۈەنگىچە كۆپەيتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى %10.5 بولغان.

  تەڭشەلگەندىن كېيىنكى سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىمۇ تۆت دەرىجىگە ئايرىلغان، يەنى، 18.2 يۈەن، 16.2 يۈەن، 15.4 يۈەن ۋە 14.6 يۈەن دېگەندەك. بۇنىڭ بىلەن، ئەسلىدىكى ئۆلچەمدىن ئايرىم–ئايرىم ھالدا 1.5 يۈەندىن (ھەر سائەت) كۆپەيتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى %10.4 بولغان.

  ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ ئەسلىدىكى مائاش كىرىمى ئەگەر بۇ قېتىم تەڭشىلىپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولغان بولسا، ئۇنداقلارنىڭ مائاشى دەرھال تەڭشىلىپ، ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى بۇ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈلىدىكەن، ھەمدە بۇ ئۆلچەم 2018– يىلى 1– ئاينىڭ 1– كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن، شۇنداقلا، ئىلگىرىكىسىگە تولۇقلاپ بېرىلىدىكەن.

  پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈم بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقان ئەمگەكچىلەر ئەگەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننى ئۆزىنىڭ نورمال ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلىگەن بولسا، بۇنداق ئەھۋالدا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار شۇ جايدىكى «ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدىكى ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولمىغان ئۆلچەم بويىچە، شۇ ئەمگەكچىگە مائاش تارقىتىپ بېرىشى كېرەك ئىكەن، ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە، شەخسلەر تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك «ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند»نى ۋاكالىتەن تۇتۇپ قېلىشى ۋە يۇقىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمەلىي ئېرىشكەن مائاشى شۇ جاينىڭ «ئۈچ سۇغۇرتا، بىر فوند»نى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ھالدىكى ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 1995– يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئەڭ تۆۋەن مائاش كاپالەت تۈزۈمى تۈزىگەن، ھەمدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 12 قېتىم ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشىگەن. بۇ يىلقىسى 13- قېتىملىق تەڭشىشى ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر