باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لىنفېن ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاڭ جوڭشېڭنىڭ پارا ئېلىش، زور مال-مۈلكىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق دېلوسىغا بىرىنچى سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلدى

جاۋابكار ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى ھەمدە بارلىق شەخسىي مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى

2018.03.29 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-مارت، سەنشى ئۆلكىسى لىنفېن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە سەنشى ئۆلكىسى لۈلياڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جوڭشېڭنىڭ پارا ئېلىش، زور مال-مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق دېلوسىغا 1-سوتتا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلدى، جاۋابكار جاڭ جوڭشېڭ پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى ھەمدە بارلىق شەخسىي مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى، زور مال-مۈلكىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك سەككىز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش ھەمدە بارلىق شەخسىي مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش قارار قىلىندى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە سوت مەھكىمىسى جاڭ جوڭشېڭنىڭ پارا ئېلىپ ئېرىشكەن مال ۋە كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان مال-مۈلۈكلەر ۋە ئۇلارنىڭ تۇغۇندىسى قايتۇرۇۋېلىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇش، كەم قىسمىنى داۋاملىق تۆلىتىۋېلىش ھۆكۈمى چىقىرىلدى. ئوخشاش بىر دېلودىكى جاۋابكار لى لەنجۈن ۋە ليۇ نيەنشېڭ پۇل يۇيۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكتىن مۇناسىپ جىنايى جازاغا ھۆكۈم قىلىندى.

  سوت قىلىش ئارقىلىق، 1997- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە، جاۋابكار جاڭ جۇڭشېڭنىڭ سەنشى ئۆلكىسى جۇڭياڭ ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى، ج ك پ جۇڭياڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، سەنشى ئۆلكىسى لۈلياڭ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، ج ك پ لۈلياڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپە قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا كۆمۈر بايلىقىنى بىرىكتۈرۈش، تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش قاتارلىق ئىشلار جەھەتتە ياردەم قىلىپ، باشقىلاردىن پۇل-مال تەلەپ قىلغان، قانۇنسىز قۇبۇل قىلغان، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 1 مىليارد 40 مىليون يۈەندىن ئاشقان. جاڭ جوڭشېڭنىڭ ئائىلە مال-مۈلكى ۋە چىقىمى قانۇنلۇق كىرىمىدىن كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كەتكەن، ئۇ خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 130 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مال-مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەن.

  لىنفېن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: جاۋابكار جاڭ جوڭشېڭنىڭ قىلمىشىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى، زور مال-مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاڭ جوڭشېڭنىڭ پارا ئېلىش جىنايەت سوممىسى پەۋقۇلئاددە زور، 18 قېتىملىق پارا ئېلىش جىنايەت پاكىتلىرى ئىچىدە ئىككى قېتىملىق پارا ئېلىش جىنايەت سوممىسى خەلق پۇلىدا 200 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ، ئۇ يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقىلاردىن خەلق پۇلىدا 88 مىليون 680 مىڭ يۈەن پارا تەلەپ قىلغان. جاڭ جوڭشېڭ رەھبىرىي كادىر تۇرۇقلۇق خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا نامۇۋاپىق مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، شۇ جاي ئىگىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن يەنە 300 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ھارام پۇلنى تاپشۇرمىغان بولۇپ، جىنايەت قىلمىشى ئىنتايىن ئېغىر. جاڭ جوڭشېڭ قانۇن- ئىنتىزامنى كۆزگە ئىلماي، ئىنتايىن ئاچكۆزلۈك قىلغان، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ يەنىلا ھوشىنى تاپماي، قولىنى تارتماي، دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئىتىگە پەۋقۇلئاددە زور زىيان سالغان، جىنايىتى ئىنتايىن ئېغىر، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش لازىم، سوت كوللېگىيەسى يۇقىرىدىكى ھۆكۈمنى چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر