باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سابىق ئەزاسى ۋاڭ يۇڭجى ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن پارتىيەدىن قوغلاندى ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2018.03.27 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سابىق ئەزاسى، يەكەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى ۋاڭ يۇڭجىنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مۇنۇلار ئېنىقلاندى: ۋاڭ يۇڭجى سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتىنى كۈچلۈك ئادا قىلمىغان، ئىستىـلدا لەيلىمىچىلىك قىلغان، گۇرۇھۋازلىق قىلغان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەرنى سالدۇرغان، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچكەن، سوۋغا ۋە ھۆرمەت پۇلى قوبۇل قىلغان؛ تەشكىلىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزىگە ئالاقىدار ئىشلارنى ئەينەن مەلۇم قىلمىغان، كادىرلارنى ئۆستۈرۈپ-تەيىنلەشتە ھوقۇق-پۇل سودىسى قىلغان؛ پاكلىق ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، جامائەتنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ھالدا ئىگىلىۋالغان بۇ قىلمىشى خىيانەتچىلىك جىنايىتىگە چېتىلغان؛ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا پايدا يەتكۈزگەن ھەم زور مىقداردا مال-مۈلۈك قوبۇل قىلغان بۇ قىلمىشى پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلغان؛ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ جامائەت مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان بۇ قىلمىشى خىيانەتچىلىك جىنايىتىگە چېتىلغان؛ ئەمىلىنى ئۆستۈرۈپ نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، باشقىلارغا نۇرغۇن مال–مۈلۈك بەرگەن بۇ قىلمىشى پارا بېرىش جىنايىتىگە چېتىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان بۇ قىلمىشى خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش جىنايىتىگە چېتىلغان.

  ۋاڭ يۇڭجى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر تۇرۇپ، غايە–ئېتىقادىنى يوقاتقان، ھەمدە سىياسىي مەۋقەدىن قېيىپ كېتىپ ئاينىپ كېتىش، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاچكۆزلۈك قىلىش، ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ خالىغىنىنى قىلىش، ئەخلاق جەھەتتە بۇزۇلۇش دېگەندەك بىر قاتار ئەخلاقسىزلىقلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرىۋالغان بولۇپ، ھەتتا پارتىيە 18– قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ ئەسكىلىكلەردىن ئۆزىنى تارتمىغان ۋە قولىنى يىغمىغانلارنىڭ ئەڭ تىپىك تۈردىكى بىر «ئىككى يۈزلىمىچى» بولۇپ، ئۇنىڭ قوللانغان ۋاسىتىلىرىنىڭ خاراكتېرى ئىنتايىن قەبىھ، قىلمىشلىرى ئىنتايىن ئېغىر ھېسابلىنىدۇ. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ مۇزاكىرە قىلىش ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇش ئارقىلىق، ۋاڭ يۇڭجىغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىش، ئۇنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 9– قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىلىلىك سالاھىيىتىنى توختىتىش، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ ئېرىشكەنلىرىنى يىغىۋېلىش قاتارلىقلارنى قارار قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى قانۇن بويىچە ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىلغان مەسىلىلىرىنى تەپتىش ئورگىنىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر