باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى قۇرۇلۇشلارنى قوللىدى

بۇلار مائارىپ ساھەسىدىكى 86 تۈرگە، ساياھەت ساھەسىدىكى 62 تۈرگە، سەھىيە ساھەسىدىكى 69 تۈرگە چېتىلىدۇ

2018.03.27 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24- مارت، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت-ساياھەتچىلىكنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە 2018- يىللىق مەركەز خامچوتى ئىچىدە مەبلەغ سېلىش پىلانىنى چۈشۈرگەن.

  بۇنىڭ ئىچىدە، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشىغا بىر مىليارد 82 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلغان، ھەمدە بۇ مەبلەغلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر، مائارىپ ئاساسى ئاجىز ناھىيەلەردىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر، ئالىي كەسپىي ئىنستىتۇتلار، ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسىمدىكى ئالىي مەكتەپلەر دېگەندەك مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بەش مەخسۇس تۈردىكى 86 تۈر ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىكەن.

  مەدەنىيەت- ساياھەتچىلىكنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 275 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلغان بولۇپ، بۇ مەبلەغلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى (رادىيو-تېلېۋىزىيە، ئاخبارات-نەشرىياتچىلىق) ئەسلىھەلىرى، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش ھەمدە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئەسلىھەلىرى، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى قاتارلىق ئۈچ مەخسۇس تۈردىكى 62 تۈر قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق قوللاش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىكەن. تۈر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەدەنىيەت-ساياھەتچىلىك مۇلازىمىتىنىڭ ئۇل ئەسلىھە شارائىتىرى يەنىمۇ ياخشىلىنىپ، ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقى، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنىڭ يەنىمۇ ئېشىپ بېرىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت- ساياھەتچىلىكنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش قۇرۇلۇشىغا 859 مىليون 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلغان، بۇ مەبلەغلەرنىڭ مىقدارى 2017- يىلىدىكىدىن 61 مىليون 400 مىڭ يۈەن كۆپ بولغان بولۇپ، بۇ مەبلەغلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشى، ئانا- بالىلار ساغلاملىق كاپالىتى قۇرۇلۇشى، جامائەت سەھىيە مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قۇرۇلۇشى (كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئاپپاراتى قاتارلىقلار)، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۆت تۈرلۈك سەھىيە ئىشلىرى مەخسۇس تۈر قۇرۇلۇشىدىكى 69 تۈرگە چېتىلىدىكەن.

  نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى دۆلەت تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن ئومۇمىي مەبلەغلەرنى تەقسىملەپ، ئۇلارنى يەنە ھەرقايسى ساھەلەرگە چۈشۈرگەن. پىلان چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما تۈرلەرنى دائىملىق تەڭشەش، توردا نازارەت قىلىش، مەخسۇس تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەشكىللەپ يولغا قويىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقىدار ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) لەرنىڭ تۈرلەرنى باشلاشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تۈرلەرنىڭ بالدۇر باشلىنىپ، بالدۇر پۈتۈپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنمىلارنىڭ ئۈنۈمىنى بالدۇر جارى قىلدۇرۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر