باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «خەلقئارالىق چوڭ ئىلمىي تەتقىقات پىلانى ۋە چوڭ ئىلمىي تەتقىقات قۇرۇلۇشىنى پائال باشلامچىلىق بىلەن تەشكىللەش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.03.29 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن يېقىندا «خەلقئارالىق چوڭ ئىلمىي تەتقىقات پىلانى ۋە چوڭ ئىلمىي تەتقىقات قۇرۇلۇشىنى پائال باشلامچىلىق بىلەن تەشكىللەش لايىھەسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى پىروگراممىسى»نىڭ باش تەلىپىگە ئاساسەن، دىققەتنى خەلقئارا پەن-تېخنىكا ساھەسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان تەتقىقات ساھەسىگە، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئەۋزەل كۈچلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلقئارالىق چوڭ ئىلمىي تەتقىقات پىلانى ۋە چوڭ ئىلمىي تەتقىقات قۇرۇلۇشىنى پائال باشلامچىلىق بىلەن تەشكىللەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئوچۇق ھەمكارلىق يېڭى سۇپىسى يارىتىپ، دۇنيا يېڭىلىق يارىتىپ ئىدارە قىلىش يېڭى ئەندىزىسى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجادچان دۆلەت ۋە دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى كۈچلۈك تايانچ بىلەن تەمىنلەش، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىگە مۇھىم تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «خەلقئارادا ئىلغار، ئىلىم-پەننىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇش، ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەش، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، جۇڭگو يېتەكلەش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمى، قەدەمگە بۆلۈپ ئىلگىرى سۈرۈش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئېلىمىزنىڭ خەلقئارالىق چوڭ ئىلمىي تەتقىقات پىلانى ۋە چوڭ ئىلمىي تەتقىقات قۇرۇلۇشىنى پائال باشلامچىلىق بىلەن تەشكىللەپ، 2020-يىلى، 2035-يىلى شۇنداقلا مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە يۈزلەنگەن «ئۈچ قەدەمدە مېڭىش» تەرەققىيات نىشانىنى بېكىتىپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بىر تۈركۈم خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە بەلگىلىك پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرى يارىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىي كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش ۋە ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ دۇنيا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يېڭى ساھەسىدىكى يادرولۇق رىقابەت كۈچى ۋە سۆز ھوقۇقىنى ئاشۇرۇپ، دۇنياۋى مۇھىم پەن-تېخنىكا تېمىلىرىغا تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر