باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى جەنشۇ: ئاساسىي قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن خەلقنى ئاساسىي قانۇننىڭ سادىق قەدىرلىگۈچىسى، ئاڭلىق بويسۇنغۇچىسى، قەتئىي قوغدىغۇچىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك

2018.03.28 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاساسىي قانۇننى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇش سۆھبەت يىغىنى 27-مارت بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىكى مەقسەت ئاساسىي قانۇننى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇش ئۈچۈندۇر، يازما ئاساسىي قانۇننى جانلاندۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئاساسىي قانۇننى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن خەلقنى ئاساسىي قانۇننىڭ سادىق قەدىرلىگۈچىسى، ئاڭلىق بويسۇنغۇچىسى، قەتئىي قوغدىغۇچىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنداق كۆرسەتتى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى ماقۇللىنىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا ئېرىشكەن مۇھىم نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتۇرۇلدى، بۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ۋە زور تەسىرگە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر