3- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون ۋە پېنسىلۋانىيە كوچىلىرىدا، ئامما نامايىشقا قاتنىشىپ، قورال-ياراغلارنى باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىشنى كۈچەيتىشنى مۇراجىئەت قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 24- مارت، ۋاشىنگتون، نيۇ-يورك، لوس ئانژېلېس، بوستون قاتارلىق جايلاردا، پۈتكۈل ئامېرىكىدىكى ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا-ئانا قاتارلىقلار يۈزلىگەن شەھەر-بازارلاردا نامايىش قىلىپ، قورال-ياراغ باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش، قورال-ياراغ زوراۋانلىقىنى چەكلەش، مەكتەپ بىخەتەرلىكىنى ئۆستۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىياسەتۋازلارنىڭ پۈتكۈل ئامېرىكىنىڭ مىلتىق جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئىئانە قىلىنغان سىياسىي ئىئانە پۇللارنى قوبۇل قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى