قەشقەرنىڭ كونا شەھەر رايونىدىكى كۇلالچى تۇرسۇن زۇنۇن ئەمدىلا ياسىغان ساپال بۇيۇملارنى رەتلىك تىزماقتا (3- ئاينىڭ 14-كۈنى).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ قەشقەر كونا شەھەر رايونىدىكى ھەر بىر ئائىلىدە ساپال تەخسە، تاۋاق ياكى خۇمرا دېگەندەك ھەر خىل ساپال بۇيۇملار ئازدۇر-كۆپتۇر بار، بۇنىڭ ئىچىدە تۇرسۇن زۇنۇن ياسىغان ساپال بۇيۇملار ئىنتايىن داڭلىق. قەشقەر كونا شەھەر رايونىدىكى كۇلالچىلىقنىڭ 6- ئەۋلاد ۋارىسى بولغان تۇرسۇن كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا بوۋىسى ۋە دادىسىغا ئەگىشىپ ساپال بۇيۇم ياسايدىغان بولۇپ، بۇ يەردىكى ئەڭ نوپۇزلۇق كۇلالچى ھۈنەرۋەن، ئۇنىڭ ئۆيىمۇ كونا شەھەر رايونىغا كېلىدىغان چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ ساپالنى چۈشىنىدىغان ئەڭ ياخشى جايى بولۇپ قالدى.
تۇرسۇننىڭ دادىسى 2005-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ھۈنەر ۋە ئۆي ئۇنىڭغا قالدى. ئۆي قەشقەر كونا شەھەر رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىرغىقىدىكى ئېگىزلىككە جايلاشقان بولۇپ، قەشقەرنى كېسىپ ئۆتىدىغان تۈمەن دەرياسىغا بىۋاسىتە قارايدۇ. ئۆز يېرىدىن ماتېرىيال ئېلىشقا بولىدىغانلىقتىن، دەريادىن بويىدىن توپا ئېلىش ئۈچۈن، ئىلگىرى نۇرغۇن كۇلالچىلار بۇ يەرگە توپلاشقان ئىدى. تۇرسۇن زۇنۇن: كۇلالچىلىق تازا گۈللەنگەن مەزگىلدە، قەشقەر شەھىرىدىكى ساپال بۇيۇم ياساش ئىشخانىلىرى پۈتۈنلەي مۇشۇ توپىلىققا مەركەزلەشكەن بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق كۇلالچىلىق ئىشخانىسى بار ئىدى. لېكىن ھازىرقى زامان ھۈنەر- سەنئىتىنىڭ زەربىسىدە، ساپال بۇيۇم ئەمدى قەشقەرلىكلەرنىڭ زۆرۈر لازىمەتلىكىدىن قالدى، ھازىر ساپال بۇيۇم ياساش ئىشخانىلىرى بەشتىن ئاشمايدۇ، دېدى.
تۇرسۇن زۇنۇن: «ئەگەر ھۆكۈمەت قوغدىمىغان، ساياھەتچىلىك تەرەققىي قىلمىغان بولسا، مېنىڭ بۇ ھۈنىرىم بەلكىم يوقىلىپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى»، دېدى. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسى بولغان تۇرسۇن زۇنۇن ھەر يىلى 4800 يۈەن ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ. كونا شەھەر رايونى 2009-يىلىدىن باشلاپ رېمونت قىلىندى ۋە مۇستەھكەملەندى، ساياھەتچىلەرمۇ كۆپىيىپ، تۇرسۇن زۇنۇننىڭ ساپال بۇيۇملار دۇكىنى يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىندى. تۇرسۇننىڭ ئۆيىدىكى سۇپىدىن سىرتقا قارىغاندا، قەدىمىي ئېگىزلىك ئاستىدا، ئەگرى - بۈگرى ئاقىدىغان تۈمەن دەرياسى بۇ زېمىننى بېقىپ كەلمەكتە، غايەت زور پەلەك چاق بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ ياشلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ تۇرماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى