باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر تال ئۇرۇقنىڭ ئەسلى مەقسىتى ۋە ئارزۇسى

___ مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جۇڭ ياڭ توغرىسىدىكى ئەسلىمە

2018.03.26 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۆز ئالدىمدىكى جۇڭ ياڭ سۈرەتتىكى مۇلايىم ۋە قەتئىي تەبەسسۇمىدا مەڭگۈلۈك توختاپ قالغانىدى. بەلگە خاراكتېرلىك يۈدىمە سومكا ئېسىۋالغان، ئۆڭۈپ كەتكەن شىلەپە كەيگەن بۇ قامەتلىك ئەركەك خۇددى مەڭگۈ سەپەر قىلىپلا يۈرىدىغان قىياپەتتە، قارلىق ئېگىزلىكتە شۇنچە خۇشال كۈلۈپ تۇراتتى.

  بۇ ھېلىقى ۋەتەننىڭ ئۆسۈملۈكلەر گېنى ئامبىرىنى ئۆز ھاياتى كەبى قوغدىغان، چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدە تاغ-داۋانلارنى ئېشىپ 500 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، نەچچە قېتىم دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 6000 مېتىردىن ئېگىزلىككە يامىشىپ، 40 مىليوندىن ئارتۇق ئۇرۇق يىغىپ، «ئۆسۈملۈك قوغداش ئۇرۇشى»نى قوزغىغان كىشىمۇ؟ بۇ ھېلىقى يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك يوغىناش كېسىلى بارلىقىغا قارىماي، 16 يىل شىزاڭغا ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، شىزاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە ئىلمى كەسپىنى دۆلەتنىڭ «قوش ئەلا» تۈرىگە كىرگۈزگەن كىشىمۇ؟ بۇ ھېلىقى 30 يىلدىن ئارتۇق ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەر بىر ئاز سانلىق مىللەتكە بىر بوتانىكا دوكتورى يېتىشتۈرۈپ بېرىشكە بەل باغلىغان كىشىمۇ؟ بۇ ھېلىقى ئايالىغا «بالا 15 ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئۆزۈم قارايمەن» دەپ ۋەدە بېرىپ، قوشكېزەك ئوغلى 15 ياشقا كىرىپ 16-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن كىشىمۇ؟...ياشلار ئارقا-ئارقىدىن كۆزلىرىمنى غۇۋالاشتۇردى. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا-تۆۋەن ئېقىنىدىكى تۈزلەڭلىكتىن چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىگىچە، شاڭخەي ساھىلىدىكى منگروۋا ئورمىنىنى قايتا تىرىلدۈرۈشتىن، «نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسى»دەك گېرمپلازما بايلىقى ئامبىرىغىچە بولغان مۇساپىدىن فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، شىزاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى، پىروفېسسور جۇڭ ياڭنىڭ ئىزىنى ئىزدىدىم. ئۇنىڭ زاڭزۇچە ئىسمى سولاڭ دۇنجۇ ئىدى.

  ئۇ ئەمدى ھەيۋەتلىك قارلىق تاغلارنى كۆرەلمەيدىغان، سۇنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايدىغان بولدى، لېكىن ئۇ قالدۇرغان 40 مىليوندىن ئارتۇق ئۇرۇق، بىخلىنىشنى كۈتۈپ ئۇيقۇدا ياتماقتا. كەلگۈسى بىر كۈندە ئۇلار جۇشقۇن ھاياتى بىلەن كىشىلەرگە شۇنداق دەيدۇكى: ئىلگىرى شۇنداق بىر ئالىي مەكتەپ پىروفېسسورى بولغان، ئۇ قىسقا، ئەمما سەلتەنەتلىك ھاياتى بىلەن بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتلىق داستانىنى يېزىپ قالدۇرغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر