جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى جەنۇبىي دېڭىزدا چارلاش ئېلىپ بارماقتا (ماتېرىيال سۈرەت).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شېن جىنكې داشياۋ 3- ئاينىڭ 25-كۈنى ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ يېقىندا6K بەلگىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان، سۇخۇي 30 بەلگىلىك قاتارلىق 30دىن ئارتۇق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئىشقا سېلىپ، مىياكو دېڭىز بوغۇزىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، سىستېمىلىق ھالدا غەربىي تىنچ ئوكيانغا بېرىپ، ھەربىي مەشىقنى قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 6K بەلگىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان، سۇخۇي 35 قاتارلىق كۆپ تىپلىق نۇرغۇن ئۇرۇش ئايروپىلانىنى تەشكىللەپ، جەنۇبىي دېڭىزغا بېرىپ بىرلىشىپ چارلاشنى يولغا قويدى. بۇ، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردە بۇرچ ۋە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىدۇر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى