خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 24- كۈنى، تاجىكىستان ئەلچىخانىسى تاشقى ئىقتىساد-سودا ئۇنىۋېرسىتېتىدا نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. تاجىكىستاننىڭ ياش سەنئەتكارلىرى ۋە تاجىكىستاننىڭ جۇڭگودا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرى مول مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر مەيدان ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى.
تاجىكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باش ئەلچىسى دافۇلاتېزۋودا تاجىكىستاننىڭ چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىغا بايراملىق تىلەك تىلىدى. نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە تاشقى ئىقتىساد-سودا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ۋاڭ جياچوڭ شۇ كۈنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
نورۇز بايرىمى ھازىرغا قەدەر ئۈچ مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە، جۇڭگونىڭ باھار بايرىمىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. دۇنيا بويىچە نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزىدىغانلار ئۈچ يۈز مىليوندىن ئاشىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنڭ مائارىپ، پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى 2009- يىلى نورۇز بايرىمىنى «ئىنسانىيەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللەر تىزىملىكى»گە كىرگۈزگەن. 2010- يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ تىزىملىكنىڭA/RES/64/253 نومۇرلۇق قارارىدا نورۇز بايرىمىنى خەلقئارالىق بايرام بولۇش سۈپىتىدە تەبرىكلەشنى جاكارلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى