باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پورتۇگالىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى پورتۇگالىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى دېدى

2018.03.26 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پورتۇگالىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سىلۋا يېقىندا، پورتۇگالىيەنىڭ ئافرىقا ۋە پورتۇگالىيە تىلى سىستېمىسىدىكى دۆلەتلەردە ئۆزىگە خاس بولغان تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سىلۋا بۇ مەزگىلدە ئۆتكۈزگەن «بىر بەلباغ، بىر يول» پۇل مۇئامىلە مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇنداق دېدى: پورتۇگالىيە بىلەن جۇڭگودىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى كۈنسېرى قويۇقلىشىۋاتىدۇ. پورتۇگالىيە ئىقتىسادىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى بولسا، كەم بولسا بولمايدىغان بىر پۇرسەتتۇر. پورتۇگالىيە ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىگە تايىنىپ، بۇ تەشەببۇسقا قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  جۇڭگونىڭ پورتوگالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەي رۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پورتۇگالىيە بولسا، تۇنجى نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقان مۇھىم بىر تەرەپ، شۇنداقلا ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرغۇچى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو پورتۇگالىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى جەھەتتە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدىكى ھەرقايسى ساھەلەردىكىلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  مۇھاكىمە يىغىنىدا، يىغىندا قاتناشقۇچىلار «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى يولغا قويۇش جەريانىدىكى پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىق شەكلى قاتارلىق قارالمىلار ئۈستىدە چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ باردى، ئىككى دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە ساھەسى ۋە كارخانا ساھەسىدىكى زاتلار مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى.

  يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، پورتۇگالىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئاستىدا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا يېقىن بولغان يولدا مېڭىشنى شەرھلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر