باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئالتە چوڭ سىستېما قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدۇ

نۇقتىلىق ھالدا كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى، سىياسەت سىستېمىسى، ئۆلچەم سىستېمىسى، ئىستاتىستىكا سىستېمىسى، نەتىجە-ئۈنۈمنى باھالاش ۋە خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

2018.03.26 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان «جۇڭگو تەرەققىياتى يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ 2018-يىللىق يىغىنى» 2018-يىلى 24-مارتتىن 26-مارتقىچە بېيجىڭ دىياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ تېمىسى «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو» بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش، مالىيە-باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ۋە پۇل مۇئامىلە سىياسىتى، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسى، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىدىكى جۇڭگو ياسىمىچىلىقى، يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەلگۈسى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم تېمىلار مۇھاكىمە قىلىندى.

  «يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش» بۇ يىللىق ئىقتىسادتىكى ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنىڭ بىرى، بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى بەس-بەستە بۇ ھەقتە مۇزاكىرە قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان ھۆكۈمەت ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشتا «سانغا ئەھمىيەت بېرىش»تىن «سۈپەتنى ئۆستۈرۈش»كە ئۆتۈش كېرەك، بۇنىڭدىن كېيىن مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەشتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم نۇقتىنى چۆرىدەپ، بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەر يولغا قويۇلىدۇ ۋە يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى، سىياسەت سىستېمىسى، ئۆلچەم سىستېمىسى، ئىستاتىستىكا سىستېمىسى، نەتىجە-ئۈنۈمنى باھالاش ۋە خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاشتىن ئىبارەت ئالتە چوڭ سىستېمىنى شەكىللەندۈرۈش تېزلىتىلىدۇ.

  ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2017-يىلدا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %6.9 بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا ئالتە يىل تۆۋەنلىگەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئازراق ئۆرلەپ، مۇقىم ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىدە ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، بۇ ئىستېمال ۋە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى زور دەرىجىدە ئېشىش، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ۋە ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى مۇقىم ئېشىش، كارخانىلارنىڭ پايدا ئېلىش ئىقتىدارى ئېشىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار مۇنداق دېيىشتى: بۇ ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا ئۆتۈشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ مۇنداق دېدى: يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشقا قاراپ قەدەم ئېلىشتا بىر قانچە ئۆلچەمنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. سىستېمىچانلىق دەل بۇلارنىڭ بىرى. يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش نوقۇل ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى قوغلىشىش بولماستىن، بەلكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي مۇھىت قاتارلىقلارنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ باراۋەر تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش دېگەنلىكتۇر.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر