باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

خەلقنى باشتىن-ئاخىر قەلب تۆرىگە قويۇش كېرەك

___ شى جىنپىڭنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا

2018.03.22 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «خەلق ھەقىقىي قەھرىمان»، «خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك»، «دۆلەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى خەلققە مەنسۇپ»... 4000دىن ئارتۇق خەتلىك مەزمۇندا «خەلق» سۆزى 84 قېتىم تىلغا ئېلىندى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا قىلغان سۆزى، نەق مەيداندا جاراڭلىق ئالقىشقا ئېرىشىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس، ئورتاق ھېسسىياتنى قوزغاپ، مىليونلىغان خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملىدى ۋە كۈرەش قىلىش جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇردى.

  «خەلقنى باشتىن-ئاخىر قەلب تۆرىگە قويۇش، باشتىن-ئاخىر جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، باشتىن-ئاخىر خەلقنىڭ مەنپەئەتى ۋە بەخت-سائادىتى ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەش كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلۇغ خەلقىمىز، ئۇلۇغ مىللىتىمىز، مىللىتىمىزنىڭ ئۇلۇغ روھىنى چىن قەلبىدىن مەدھىيەلەپ، خەلق داھىيسىنىڭ خەلققە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى يەتكۈزدى. شەرەپ خەلققە مەنسۇپ، مۇھەببىتىنى خەلققە بېغىشلاش، خەلق كۈچ مەنبەسى، كۈرەش قىلىشنىڭ مەقسىتى خەلق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلققە بولغان ھۆرمىتى ۋە مۇھەببىتى خەلق پارتىيەسىنىڭ تۈپ سىياسىي مەيدانىنى جاكارلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇش»تىن ئىبارەت ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ئەڭ يۈكسەك پىرىنسىپىنى نامايان قىلدى.

  «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قاينام-تاشقىنلىققا تولغان تەرەققىيات تارىخىنى جۇڭگو خەلقى يازغان»، خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى؛ «خەلقنىڭ ھىمايە قىلىش-قىلماسلىقى، قوللاش-قوللىماسلىقى، خۇشال بولۇش-بولماسلىقى، قوشۇلۇش-قوشۇلماسلىقىنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغان-بولمىغانلىقىنىڭ تۈپ ئۆلچىمى قىلىش كېرەك»، خەلق نەتىجە قەغىزىنى تەكشۈرگۈچى؛ «پۈتۈن خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خەلقنىڭ رېئال تۇرمۇشىدا تېخىمۇ تولۇق نامايان قىلىش كېرەك»، خەلق كۈرەشنىڭ مەۋقەسى؛ «ھەر بىر كىشى يېڭى دەۋرنىڭ شاھىتى، ياراتقۇچىسى، قۇرغۇچىسى»، خەلق دەۋرنىڭ تۈرتكە مەنبەسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى دۇنيا قاراش، قىممەت قارىشى، مېتودولوگىيە قاتلىمىدا تۇرۇپ، «كىم ئۈچۈن، كىمگە تايىنىش، مەن كىم»دىن ئىبارەت خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم نەزەرىيەسى ۋە رېئال تېمىسىنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىپ، نېمە ئۈچۈن خەلقنىڭ مەيدانىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇلىدىغانلىقى، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا قانداق چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنىڭ ئىچكى مەنتىقىسىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ بەردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر