باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى: يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ ئىستىقبالى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ، دېدى

2018.03.16 13:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 3- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «جۇڭگو خەۋەرلىرى» پىروگراممىسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى.

  شۆھرەت زاكىر ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئۈستىدە كەڭ-كۇشادە پاراڭلىشىپ، كەلگۈسىگە نەزەر تاشلىدى.

  شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ئەھۋالى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى چىڭ ئىگىلەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. ھازىر، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار ساغلام تەرەققىي قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. 2017- يىلى شىنجاڭ كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر 100 مىليون ئادەم (قېتىم)دىن ئاشتى. بۇ سانلىق مەلۇمات پۈتۈن دۇنياغا شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، شىنجاڭ ياخشى جاي!

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: بىز بىر يىلدىن بۇيان، باش شۇجىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرىدۇر» دېگەن مۇھىم يوليورۇقىنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى، بولۇپمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، «بەشنى تونۇش»نى كۈچەيتىشكە يېتەكلىدۇق. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە بىر مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق كادىر ۋە ئىشچى-خىزمەتچى ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى، بۇنىڭ بىلەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ گۈللىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدى.

  شۆھرەت زاكىر يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلاندۇق. بىز، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2- ۋە 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرىمىز. شىنجاڭنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر