باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈندىدار توپىدا ساختا دورا ساتقان ئەر ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2018.03.20 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، بېيجىڭ شەھىرى چاڭپىڭ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى بازاردا دورا يىغىۋېلىپ، ئۈندىدار توپى ئارقىلىق ساتقان ئەرنى قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى بىلەن، ئۈچ يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، 50 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويدى.

  2017-يىلى، خەن فامىلىلىك دورا تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ، بازاردا دورىلارنى سېتىۋالغان ھەمدە ئۈندىدار توپى ئارقىلىق خېرىدار ئىزدىگەن. خەن فامىلىلىك قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، خەلق ساقچىلىرى قىممىتى 400 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان 102 تۈردىكى 13 مىڭ 427 قاپ دورىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردى. دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى ئارقىلىق، بۇنىڭ ئىچىدىكى خەن فامىلىلىك ئۆزى ئوراپ قاچىلىغان يەتتە خىل دورا يالغان دورا قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىندى. باشقا دورىلار ۋە بىر قىسىم سېتىلغان دورىلارنىڭ قىممىتى جەمئىي 200 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.

  چاڭپىڭ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى سوت قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكار خەن فامىلىلىكنىڭ قىلمىشىدىن قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ دەپ قارىدى. سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە جاۋابكار خەن فامىلىلىكنى قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن، دەپ ھۆكۈم چىقىرىپ، مۇددەتلىك ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى ھەمدە 50 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر