- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۈركىيە سۇرىيەنىڭ ئافرېن شەھەر مەركىزىنى كونترول قىلغانلىقىنى ئېيتتى
2018.03.19 16:15 مەنبە: خەلق تورى
سۈرەتتە: 3-ئاينىڭ 18-كۈنى سۇرىيەنىڭ ئافرېن شەھەر رايونىدا سۈرەتكە تارتىلغان «سۇرىيە ئەركىنلىك ئارمىيەسى»نىڭ قوراللىق خادىملىرى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 18- مارت، تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ئۇلار قوللىغان سۇرىيە ئۆكتىچى قوراللىقلىرى «سۇرىيە ئەركىنلىك ئارمىيەسى»نىڭ شۇ كۈنى ئەتىگەندە سۇرىيەنىڭ ئافرېن شەھەر مەركىزىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئەردوغان شۇ كۈنى تۈركىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى چاناق قەلئە ئۆلكىسىدە مۇنداق دېدى: «سۇرىيە ئەركىنلىك ئارمىيەسى» شۇ كۈنى سائەت سەككىز يېرىمدا ئافرېن شەھەر مەركىزىگە كىردى. تۈركىيە دەرھال بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ تېزدىن يۇرت- ۇماكانىغا قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە قوراللىق كۈچلىرى باش ئىشتابى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە «سۇرىيە ئەركىنلىك ئارمىيەسى»نىڭ ئافرېن شەھەر مەركىزىنى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلغانلىقىنى، مىنا ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى تەكشۈرۈپ تازىلاش خىزمىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر