باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدىن دوكلاتنى ۋە 2018– يىللىق كېڭىشىش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى

2018.03.15 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13– نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1– يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى ھەرقايسى ساھە گۇرۇپپىلىرىدا سۆز قىلىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2018– يىللىق كېڭىشىش پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلدى، ھەمدە يېڭى دەۋردە سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن چارە–تەدبىر كۆرسەتتى.

  ئەزالار مۇنداق دەپ قارىدى: 2018– يىلى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەتلىرىدە، پارتىيە 19– قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى تارىخىي ئورنىغا قويۇپ، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ئۆزگىرىشىنى ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، "بەش بىر گەۋدە" ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە "تۆت ئومۇميۈزلۈك" ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى چۆرىدىگەن ھالدا يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە چارە–تەدبىر كۆرسىتىش ۋە كۈچ قوشۇشنى خىزمەتنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانلىرىغىچە ئىزچىللاشتۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، نازارەت قىلىشنى ئەمەلىي قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 19– قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئىشنى ياخشى باشلاش ۋە قەدەمنى ياخشى تاشلاشقا تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  ئەزا جيا ديەنزېڭ مۇنداق دېدى: 2018– يىلى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، تەرەققىيات تەكشى بولمىغان ۋە يېتەرلىك بولمىغان مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىش ۋە خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشنى كۆزلەپ، دىققەتنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا قارىتىپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى نىشانلاپ، "ئۈچ چوڭ جەڭ"نى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە ئەقىل كۆرسىتىشنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.

  ئەزا ئارزۇگۈل ئايۇپ مۇنداق دېدى: 2018 – يىللىق كېڭىشىش پىلانىدىكى ئون كېڭىشىش قارالمىسى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەرەپلەرنى قاپلاپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مەخسۇس كېڭىشىش خاراكتېرىدىكى دائىمىي كومىتېت يىغىنى، مەخسۇس كېڭىشىش يىغىنى ۋە قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق شەكىللەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، قارالمىنى كېڭىشىش بىلەن كېڭىشىش شەكلىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپتۇ. ئارمىيە–خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنى 2018 – يىللىق نۇقتىلىق كېڭىشىش قارالمىسىغا كىرگۈزۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى ھالقىلىق مەزگىلدە، ئارمىيە–خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى ئارقىلىق تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشى، قۇدرەتلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك تىرەككە ئىگە قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

  ئەزا يۈ مېي مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2018– يىللىق كېڭىشىش پىلانى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەرگەن بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بۇ يىللىق خىزمىتىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى. مەن مەۋقەيىمنى يېڭى دەۋرگە قويۇپ، يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، كېڭىشىش پىلانىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىغا ئاساسەن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كۈچەپ ۋە مەسىلىلەرنى بايقاپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت–فاڭجېنلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە تۈرتكە بولىمەن.

  مۇزاكىرىدە، ئېلزات زادە قاتارلىق ئەزالار كېڭىشىش پىلانىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا تولۇقلىما پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئېلزات زادە مۇنداق دېدى: دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتىدىكى تەلەپكە ئاساسەن، 2018– يىللىق كېڭىشىش پىلانىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكلىپ سۇنۇش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق شەكىللەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ۋەزىپەمنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر