باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنى مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى 120 تەكلىپ سۇندى

2018.03.16 13:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنى مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش ۋە پائال تەكلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى. يىغىن تەكلىپلىرىنى ئىستاتىستىكا قىلىشنىڭ ئاخىرقى چېكى بولغان 3- ئاينىڭ 9- كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى يىغىنغا جەمئىي 120 تەكلىپ سۇندى.

  2018- يىلى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلى، ھەمدە ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى بولۇپ، ئۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ۋە 13- بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسىنى باغلايدىغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل ھېسابلىنىدۇ. ئەزالار يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى كۆزلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركىزىي خىزمەتلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، كۆڭۈل قويۇپ تېما تاللاپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە ئەلرايىنى ئىگىلەپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپلەرنى تەييارلىدى.

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزالىرى دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھاۋا يىپەك يولىنى ئېچىش، شىنجاڭنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللاش، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»تىكى 3- يول قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، جەنۇبىي شىنجاڭنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى بۇ جەڭدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، شىنجاڭنىڭ ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەر قۇرۇلۇشىنى قوللاش ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال ئەقىل-چارە كۆرسىتىپ، نەتىجىدە جەمئىي 120 تەكلىپ سۇنغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا چېتىلىدىغىنى 60 بولۇپ، بۇ، ئومۇمىي تەكلىپلەرنىڭ %50ىنى ئىگىلىگەن؛ خەلق تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا چېتىلىدىغىنى 40 بولۇپ، بۇ، ئومۇمىي تەكلىپلەرنىڭ %33.3ىنى ئىگىلىگەن؛ سىياسەت، قانۇن- نىزام ۋە جەمئىيەت باشقۇرۇشقا چېتىلىدىغىنى 20 بولۇپ، بۇ، ئومۇمىي تەكلىپلەرنىڭ %16.7ىنى ئىگىلىگەن.

  بۇ يىل مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق 35 ئەزاسى ئىچىدە، شىنجاڭدىكى يېڭىدىن تەيىنلەنگەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى 26 نەپەر بولۇپ، %74.3نى ئىگىلىگەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ تەكلىپ تەييارلاش ۋاقتى ناھايىتى قىس بولغان. ئەزالار بەس-بەستە مۇنداق دېيىشتى: يىغىندىن قايتقاندىن كېيىن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، بالدۇر تۇتۇش قىلىپ، بالدۇر تەييارلىق قىلىپ، كېلەر يىلقى تەكلىپلەردە ئۇلارنىڭ سۈپىتى ۋە سانى جەھەتتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تېرىشىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر