باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى يېپىلدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، جاڭ گاۋلى، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى، ۋاڭ ياڭ سۆز قىلدى

2018.03.16 15:55   مەنبە: خەلق تورى

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى يېپىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 15-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىن خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەردەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەشكە ئەزا ئورۇنلار ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە بولۇپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېلىلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، جاڭ گاۋلى، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  يېپىلىش يىغىنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە باشلاندى. ۋاڭ ياڭ: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-ۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 2158 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقان ئەزا 2142 كىشى، بۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن، دەپ جاكارلىدى.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى توغرىسىدىكى قارارى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى ماقۇللاندى.

  ۋاڭ ياڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىغان مۇھىم پەيتتە ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، بارلىق ئەزالارنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، تۈرلۈك قارالمىلار مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.ۋاڭ ياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يىغىن مەزگىلىدە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىننىڭ ئېچىلىش يىغىنى ۋە يېپىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ھەرقايسى ساھە گۇرۇپپىلىرىغا بېرىپ، ئەزالار بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى. ئەزالار يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا دوكلاتلارنى، ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنى ۋە رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسىنى، شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىنى چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى لايىھەسى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ قېتىمقى يىغىن دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل بولغان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن يىغىن بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇيدۇ
    ·مائارىپ سېلىنمىسىنى داۋاملىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك
    ·مائارىپ قىزلارنىڭ تەقدىرىنى نۇرلاندۇرىدۇ___ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى جىكې شىۋۇنىڭ نەزىرىدىكى ئاز سا…
    ·تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت ئالاھىدىلىكى سىنىقى باشلاندى
    ·ئالىي مائارىپنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ: مەكتەپنى ئەڭ نۇرلۇق ۋە ئەڭ بىخەتەر جاي قىلىپ قۇرۇپ چى…
    ·ئولىمپىك تەربىيەسى مەملىكەتلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلىدۇ
    ·ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2020-يىلىدىن بۇرۇن تۈرلۈك ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئەمەلدىن…
    ·ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلاندى