باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىل ۋە ئەزالار رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى توغرىسىدا قىزغىن مۇنازىرىلەشتى

رېۋىزىيە تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرايلى

چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە پارتىيەنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش لازىم

2018.03.16 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقماقتا. كۆپلىگەن ۋەكىل ۋە ئەزالار مۇنداق قارىدى: رېۋىزىيە قانۇنىنىڭ تۈزۈپ چىقىلىشى ۋە يولغا قويۇلۇشى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى كۈچلۈك قانۇنىي ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  رىياسەتچى: رېۋىزىيە قانۇنىنى تۈزۈپ يولغا قويۇشنىڭ قانداق مۇھىم ئەھمىيىتى بار؟

  ۋەكىل چېن يوڭ: مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىغا ئاساسىي قانۇن نوپۇزىنى بېرىپ، رېۋىزىيە قانۇنى تۈزۈپ چىقىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى، ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى، سىياسىي ھوقۇق، سىياسىي مۇناسىۋەتكە بولغان زور دەرىجىدە تەڭشەش ھېسابلىنىدۇ.

  ۋەكىل ليۇ جيەنچاۋ: رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەشەببۇسى ۋە تەلىپىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەرنى تولۇق نامايان قىلدى، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەكس ئەتتۈردى. رېۋىزىيە قانۇنىنىڭ تۈزۈلۈشى پارتىيەنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە جەزمەن مەركەزلىك بىرلىككە كەلگەن، نوپۇزلۇق، ئۈنۈملۈك بولغان دۆلەت رېۋىزىيە سىستېمىسىنى قۇرۇپ، جامائەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان بارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرىنى پۇختا بولغان رېۋىزىيە قانۇن ئاساسى بىلەن قاپلاشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتا مۇھىم سىياسىي ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ۋەكىل تاڭ ۋېي: رېۋىزىيە قانۇنى لاھىيەسى بايرىقى روشەن ھالدا پارتىيەنىڭ دۆلەت رېۋىزىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى جاكارلاپ، رېۋىزىيە ئورگىنىنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيەسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، رېۋىزىيە ئورگىنىغا زۆرۈر بولغان ھوقۇقنى بېرىپ، رېۋىزىيە تەرتىپىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلۇشى، قانۇن ئىدارە قىلىش بويىچە يۈرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا مۇقىم ۋە ئۇزاق ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر